ئەنگىلىيەدىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس قوللانما تۈزۈپ تارقاتقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.06.13
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئەنگىلىيەدىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئەنگىلىيەدە تۈرلۈك خرىسلار ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، ئىنگلىز ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا مەخسۇس قوللانما تۈزۈپ تارقاتقان. ئەنگىلىيەدىكى «ھەق-ھوقۇق ئەمەلىيىتى» ناملىق بۇ تەشكىلات «ھەق ۋە ئادالەت» ناملىق يەنە بىر گۇرۇپپا بىلەن ھەمكارلىشىپ تۈزگەن بۇ ئەمەلىي قوللانما، ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەندىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. «ھەق-ھوقۇق ئەمەلىيىتى» تەشكىلاتى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا، سەككىز باپتىن تەشكىل تاپقان مەزكۇر ئەمەلىي قوللانمىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنگىلىيەدىكى ھەق-ھوقۇقلىرىنى، شۇنداقلا ئالاقىدار خىتاي قانۇنلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنىشىگە ياردىمى تېگىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئۇچۇردا يەنە «بۇ قوللانمىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلاشقان تەشكىلاتلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئەندىشىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ياردىمى تېگىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېيلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قوللانمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق تىلەش، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن جەم بولۇش، ئىسىم ئ‍ۆزگەرتىش، ئېكىسپىلاتاتسىيەنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئادۋوكات تېپىشتىن تارتىپ، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، بانكا مۇلازىمىتى، كەمسىتىشتىن ساقلىنىش، مائارىپ ھوقۇقى، ساقچىلار بىلەن ئالاقە قىلىش، خىزمەت تېپىش، ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ ھوقۇقى، پاراكەندىچىلىككە ئىنكاس قايتۇرۇش، روھىي ساغلاملىق، تۇرالغۇ مەسىلىسىگىچە بولغان نۇرغۇن كونكىرېت مەسىلىلەرگە چۈشەنچە بېرىلگەن.

قوللانمىدا مۇنداق دېيىلگەن: «2017-يىلدىن باشلاپ، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ ئ‍ۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان كەڭ كۆلەمدە خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش، قىيناش ۋە نازارەت قىلىش قىلمىشلىرىنى تونۇپ يەتتى. يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر ئائىلىرى ئ‍ۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىۋېتىلدى. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە دىني ئېتىقادى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، مەسچىت ۋە مازارالىرى ۋەيران قىلىندى. چەت ئەلدە ياشايدىغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ۋەتەن ئىچىدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالقىلىشالمىدى ياكى ئۇلار بىلەن ئەركىن ئالاقە قىلالمايدۇ. بۇ قوللانمىنىڭ مەزمۇنى بىزنىڭ خىتاي ۋە خەلقئارا قانۇن ھەققىدىكى مول تەجرىبىلىرىمىز، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە ئاساس تەييارلانغان… بۇ قوللانمىنىڭ سىزنىڭ ئەنگىلىيەدىكى ھوقۇقىڭىزنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىڭىزگە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت