ئەنگلىيە پېنسىيە ئىدارىسى خىتاي ئىشلەپچىقارغان بىخەتەرلىك كامېرالىرىنى چەكلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.06.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئەنگلىيەنىڭ ئەمگەك ۋە پېنسىيە ئىدارىسى ئ‍ۆزىنىڭ خىزمەت بىناسىدىكى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان بىخەتەرلىك كامېرالىرىنى ئېلىپ تاشلايدىغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان بىخەتەرلىك كامېرالىرىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر ئ‍ورگان بۇ قارارنى خىتاينىڭ «خاڭجو خەيكاڭ دىگىتال تېخنولوگىيە شىركىتى» بىلەن «جېجياڭ داخۇا تېخنولوگىيە شىركىتى» نىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھەمكارلاشقانلىقى، شۇنداقلا بۇ شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەھدىتى پەيدا قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئەندىشە بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلغان.

ئەنگلىيەدىكى «كۆزىتىش» ناملىق بىر پۇقرالار ئەركىنلىكى تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنگلىيە ئەمگەك ۋە پېنسىيە ئىدارىسى مەزكۇر تەشكىلاتقا خەت ئەۋەتىپ، خىزمەت بىناسىدىكى خىتايدا ياسالغان كامېرالارنى ئېلىپ تاشلاپلا قالماي، بۇنىڭدىن كېيىن خىتايدىن كامېرا سېتىۋېلىشنىمۇ چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەزكۇر ئىدارىنىڭ بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى 3 يىللىق پروگراممىسىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن.

مەزكۇر تەشكىلات ئۇزۇندىن بېرى «خەيكاڭ شىركىتى» نىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھەمكارلىشىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا ئىشتىراك قىلىپ كەلگەنلىكى، شۇڭا ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئەنگلىيەدە چەكلەشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگلىيە پېنسىيە ئىدارىسىنىڭ خېتىدە «ئىدارىمىز بۇ پروگراممىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە خىتايدا ياسالغان ھەرقانداق بىخەتەرلىك كامېراسى ئەسۋابلىرىنى ئەمدى ئىشلەتمەيدۇ» دېيىلگەن.

ئەنگلىيە پېنسىيە ئىدارىسىنىڭ قارارى يۇقىرىقى تەشكىلاتنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قانۇن ۋە سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل خادىمى مەدىلېين ئىستون: «خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى بىخەتەرلىك كامېرالىرىنىڭ ئەمگەك ۋە پېنسىيە ئىدارىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى خەيكاڭ شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشتا ئوينىغان رولىنى كۆزدە تۇتقاندا تېزرەك ئېلىنمىغان قارار بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ئالاھىدە قارشى ئېلىشقا تېگىشلىك تەرەققىيات» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت