ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزسى «شىنجاڭ شىركەتلىرىنىڭ تېببىي بۇيۇملىرىنى سېتىۋالماسلىق» نى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-08-23
Share

ئەنگىلىيەنىڭ ئىشچىلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئەمىلى تورېنبەرىي ئەنگىلىيەنىڭ تېببىي بۇيۇملارنى سېتىۋېلىشتا خىتاينىڭ شىنجاڭ شىركەتلىرىگە زاكاز بېرىشتىن ھەزەر ئەيلەشنى تەلەپ قىلغان. ئەنگىلىيە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تورېنبەرىي خانىم ئەنگىلىيە سەھىيە مىنىستىرى ساجىت جاۋىدقا خەت يېزىپ، ئۇنى بۇ توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.

ئۇ ئەنگىلىيەنىڭ ماسكا، خالات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 مىليارد دوللارلىق تېببىي بۇيۇمى سېتىۋېلىش يېڭى توختامىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىتاي شىركەتلىرىگە بېرىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

تورېنبەرىي خېتىدە مۇنداق دېگەن: «سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىز بولغاندەك، يېقىنقى يىللاردا شىنجاڭ رايوندىكى زاۋۇت، دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، تۈرمە-لاگېرلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئاتالمىش ‹ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش› پروگراممىسى نامىدا باشقا رايونلارغا يۆتكەپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردا ئىشلەتكەنلىكىگە ئائىت پاكىتلار ئوتتۇرىغا چىقتى.»

تورېنبەرىي يەنە ساجىد جاۋىدنىڭ ئەنگلىيە ئىلگىرى توختاملاشقان تېببىي بۇيۇملارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشىنى، ۋاقىتنىڭ قىستاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «سىزنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىشىڭىزغا پەقەت بىر ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقتىڭىز قالدى،» دېگەن. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، بىراق «كونكرېت تەدبىر قوللانمىدى» دەپ تەنقىدلىنىپ كەلمەكتە

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت