ئەنگلىيە ساقچى دائىرىلىرى: «خىتاي ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، ئۇلار ساقچىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-11-04
Share

ئەنگلىيە ساقچى دائىرىلىرى خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «Express» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زىيانكەشلىكىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى ئەنگلىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئەنگلىيەنىڭ جىنايەت ۋە ساقچى ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرى كىت مالتوخوس ((Kit Malthouse مۇنداق دېگەن: «ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتىدۇ، ئۇلار بۇ ئەھۋالدا دەرھال ساقچىغا مۇراجىئەت قىلىشى كېرەك».

ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «قورقۇتۇپ سۈكۈت قىلدۇرۇش، خىتايغا قايتىشقا مەجبۇرلاش ياكى باشقا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش» ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇلارنى يۇقىرىقىدەك تەلەپلەر بىلەن ئۆزىگە يېقىنلاشقان ھەر قانداق ئادەمنى ئىككىلەنمەي ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا چاقىرغان.

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك بېسىمىغا ئۇچرىشى ئەنگلىيەدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، مالتوخۇس ئەپەندى ئەنگلىيە ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ستىفېن كىننوكقا قىلغان سۆزىدە: «بىز خەلقئارا ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، ئەنگلىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغدايمىز» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان بېسىم ۋە زىيانكەشلىك بىلەن ئەڭ كۆپ شۇغۇللىنىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكى ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ 2021-يىللىق دوكلاتىدا قەيت قىلىنغان. ئۇلار شۇ دوكلاتىدا خىتاينىڭ 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا لاگېرلارنى يولغا قويغان بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تەقىبلەشنىمۇ تەڭ كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت