ئەنگلىيەنىڭ ئۇيغۇر لاگېرلىرىغا چېتىشلىق خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

2021-01-11
Share

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ ئىشلەپچىقارغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئەنگلىيەدىكى «قۇياش»، «مۇھاپىزەتچى» گېزىتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك رائاب بۇ ھەپتە ئىچىدە ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى پىلانىنى ئېلان قىلىدىكەن. خەۋەردە، ھۆكۈمەتنىڭ پىلانى يەنە باستۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلار ۋە تېخنولوگىيەنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىغا تېخىمۇ قاتتىق قانۇنى چەكلىمىلەرنى قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇشى، ئەنگلىيەنىڭ خوڭكوڭ پۇقرالىرىغا گىراژدانلىق تەۋسىيە قىلىشى بىلەن تېخىمۇ كەسكىنلەشكەنىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئەگەر ئەنگلىيە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىسە، بۇ خىتاينى تېخىمۇ قاتتىق سەراسىمغا سالىدىكەن. ئەنگلىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىغا ئائىت دەلىللەرنىڭ «چوڭقۇر ئەندىشە» قوزغايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلدى.

خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى توقۇمىچىلىق ساھەسىنىڭ «شىنجاڭدىن كەلگەن مەھسۇلاتلارنى ئەستايىدىل تەكشۈرمەيۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتىكەن». «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، ھۆكۈمەتنىڭ تەمىنات زەنجىرىنى ياخشى تەكشۈرمىگەن شىركەتلەرگە جەرىمانە قويىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، بىراق «قۇياش» گېزىتى دومىنىك رائابنىڭ پىلانىدا «قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى» ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش پروگراممىسىغا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ھەققىدە توختالماسلىقى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت