ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىر تەقىبلەرگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2018.07.30

بۈگۈن ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «مۇنبەر» تور گېزىتىدە «خىتايدىكى ئىرقچىلىققا تولغان ساقچى دۆلىتى: شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشى» ناملىق خەۋەر ئېلان قىلىنغان.

خەۋەرگە «خىتاينىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى توسۇشتا بۈيۈك برىتانىيەنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار» دەپ قوشۇمچە ماۋزۇ قويۇلغان.

خەۋەردە ئەنگلىيەنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېرېمى ھانتنىڭ نۆۋەتتە خىتاي زىيارىتىدە بولۇۋاتقانلىقى، سودا ۋە خەلقئارا بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ شەكسىزكى ئۇنىڭ زىيارەت تېمىسىنىڭ بىرى بولىدىغانلىقى، ئەمما ئۇنىڭ خىتاي زىيارىتى داۋامىدا چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنسايىن يامانلىشىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تىلغا ئېلىشقا جاسارەت كۆرسىتىشى لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خەۋەردە خىتاينىڭ ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تىزىملىككە كىرگۈزگەن «30 كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى نۇقتىلىق مەسىلە سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدىغان دۆلەت» لەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، 2017-يىلىدىن بۇيان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى ناچارلاشقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خەۋەردە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ مەمۇرىي رايون ئىكەنلىكى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بۇ رايوننى 1949-يىلىدىن بۇيان ئىدارە قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىك جەھەتتىن تامامەن پەرقلىق بىر خەلق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۆز دىيارىنى شەرقىي تۈركىستان دەپ بىلىدىغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

خەۋەردە يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى تىلغا ئېلىنىپ، نۆۋەتتە بىر مىليوندەك كىشىنىڭ بۇ لاگېرلارغا قامالغانلىقى، قارانچۇقسىز قالغان بالىلارنىڭ دارىلتاملارغا يوللىنىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خەۋەرنىڭ ئاخىرىدا سابىق باش مىنىستىر دەيۋىد كامېرون دەۋرىدىن بۇيان ئەنگلىيەنىڭ خىتاي سەھنىگە ئېلىپ چىققان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 750 مىليون فوند-ستېرلىڭ مەبلەغ سالغانلىقى، شۇڭا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقچىل ساقچى دۆلىتى سىياسىتىنى توسۇشتا ئەنگلىيەنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.