ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرغا قامىلىش مەسىلىسىنى ھەرقاچان تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.07.30

ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىليونلىغان كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ھەمدە مەسچىت، قەبرىستانلىقلارنىڭ چېقىپ تاشلىنىشى توغرىسىدا بىر قىسىم ئالىملار «بۇ ھادىسىلەر سېپى ئۆزىدىن قىرغىنچىلىق، ھېچبولمىغاندا بۇلارنى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى، دەپ ئاتاش كېرەك» دېگەن پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم. مۇشۇ ھەپتە ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ بۇ ئەھۋالنى تەستىقلايدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ داۋاملىق ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيەدىكى «يېڭى باياناتچى» گېزىتىنىڭ 26-ئىيۇل سانىغا بېسىلغان بۇ ھەقتىكى باش ماقالىدا ئەنگلىيە پارلامېنتىدا تەسىس قىلىنغان «شىنجاڭدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تەكشۈرگۈچى بارچە پارتىيە گۇرۇپپىلىرى» كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرى، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىدىن ياسىمەن قۇرەيىش ۋە ئالىستار كارمايكىل بۇ پىكىرلەرنى تەپسىلىي شەرھىلىدى.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگلىيە بىلەن خىتاينىڭ سودا مۇناسىۋىتى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن سالماقلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. 2017-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا ئەنگىلىيەنىڭ ئومۇمىي ئىمپورت قىممىتىنىڭ يەتتە پىرسەنتى خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىدىن كەلگەن. گەرچە خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقە ئەنگلىيە ئۈچۈن بەكمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولسىمۇ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا قاماش قىلمىشىنى ئەيىبلەش باياناتىغا دادىللىق بىلەن ئىمزا قويغان. ئاپتورلار بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىزنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقىمىز ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەرىكىتىمىز بىزنىڭ ئەزەلىي قىممەت قارىشىمىزنى قۇربان قىلسا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ خىل قىممەتنى پايخان قىلىش قىلمىشى شىنجاڭدا كۆپلەپ يۈز بېرىۋاتىدۇ» دېيىلىدۇ.

ئاپتورلار ئاخىرىدا بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى تۈرلۈك يىغىنلاردا، گۇۋاھلىق پائالىيەتلىرىدە ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاتنىشىشىدىكى مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا داۋاملىق ھالدا تەكىتلىنىپ تۇرۇشى لازىملىقىنى، ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇنىڭغا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.