ئەنگلىيەدىكى چوڭ كارخانىلار خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزمەكچى بولغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.08.01

خىتاي بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ قالغان بۇ ۋەزىيەتتە ئەنگلىيەدىكى چوڭ كارخانىلار خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزمەكچى بولغان.

ئەنگلىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيە سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى رەئىسى تونى دەنكېر (Tony Danker) ئەنگلىيەدىكى مىڭلىغان كارخانىچىلارنىڭ نۆۋەتتە خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىكنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، تەمىنلەش لىنىيەسىنى باشقا دۆلەتتىن ئىزدەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئارقىدىن «خىتايدىن كېلىدىغان تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۈزۈۋېتىپ، ئۇنى قايتا بەرپا قىلىش ئەنگلىيەنىڭ تۇرمۇش چىقىمىنى ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ھازىر سىياسەتچىلەر خىتايدىن ئايرىلغان بىر دۇنيا تەرتىپى قۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاينى چىقىرىۋەتسەك، ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش كونا شېرىكىگە موھتاج بولىدۇ. بولمىسا تەمىنلەش قىممەتكە توختاپ كېتىدۇ. ئەنگلىيە دۇنيا مىقياسىدا يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلۇشىغا موھتاج. ئامېرىكامۇ خىتايدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كارخانىلارنىڭ بەرداشلىق بېرىش ۋە ماسلىشىش كۈچىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ».

تونى دەنكېرنىڭ قارىشىچە، ئەنگلىيەدە سايلامغا چۈشكەن ھەر ئىككى پارتىيە نامزاتى ئەنگلىيە سودا ئىستراتېگىيەسى تۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلىدىغان سىياسىيونلار ئىكەن. دۇنيانىڭ ھاۋا كىلىماتىنى قوغداش ۋە يېشىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىن بولسۇن، خىتاينىڭ زاۋۇتلىرىدىن ۋاز كېچىش ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ۋە دۇنيا مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.