ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا ئەنگىلىيەگە قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارغا بىردەك سىياسىي پاناھلىق بېرىش تەلەپ قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-10-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا بىردەك سىياسىي پاناھلىق بېرىشكە چاقىرىش توغرىسىدىكى بىر تەكلىپ لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 14-ئۆكتەبىر سۇنۇلغان تەكلىپ لايىھەسىگە ئىككى كۈن ئىچىدە 8 پارلامېنت ئەزاسى ئىمزا قويغان. تەكلىپ لايىھەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدەك بەزى ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرىدىن ئۈلگە ئېلىشى، خىتاي دۆلىتىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ ئەنگىلىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارغا بىردەك ئاپتوماتىك سىياسىي پاناھلىق بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.

مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىگە ھازىرغا قەدەر كونسېرۋاتىپلار، لىبېرال دېموكراتلار، ئىشچىلار، ئىتتىپاقچىلار، دېموكراتىك بىرلىكچىلەر قاتارلىق ئوخشىمىغان سىياسى پارتىيە-گۇرۇھلاردىن ئالىستېيىر كارمايكېل، لەيلا موران، جىم شەنون، سىر پېتېر باتوملېي، جېمىي ستون قاتارلىق 8 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئىمزا قويغانلىقى مەلۇم. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇنىڭغا ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تېخىمۇ كۆپ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىمزا قويۇشى پەرەز قىلىنماقتا ئىكەن.

ئەنگىلىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرىۋاتقان غەرب پارلامېنتلىرىنىڭ بىرى. تەكلىپ لايىھەسىدە خىتاينىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى شارائىتى ئىنتايىن ناچار لاگېرلارغا قاماپ، خورلاۋاتقانلىقىغا دائىر دوكلاتلارغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقى، يېڭى تەتقىقات دوكلاتلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ھۆكۈمەتنى خىتاي دۆلىتىنىڭ دىنىي زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ ئەنگىلىيەگە كەلگەن بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئاپتوماتىك سىياسىي پاناھلىق بېرىشكە چاقىرىمىز.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت