ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش تىرىشچانلىقى دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-11-16
Share

ھازىر ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر كارخانىچى مۇقەددەس يادىكار 2011-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ھەمدە ئۇنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈشتە بىر قاتار تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا بىرىتانىيە رادىيو شىركىتى (BBC) ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىمدە ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىگە يۇقۇرى باھا بېرىلگەن.

فىلىمدە ئېيتىلىشىچە، مۇقەددەس يادىكارنىڭ ۋەتەندىكى تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يۇقۇرى پەللىگە چىقىشىغا ئەگىشىپ ئۈزۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىگە مەنسۇپ شەيئىلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك باھانىلار بىلەن يوقىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلار مەلۇم بولۇشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ لوندوندىكى تۇنجى ئۇيغۇر رېستۇرانىنى ئېچىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چەت ئەللىكلەرگە تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەرەللىك جەم بولۇشىغا كېرەكلىك سورۇن مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. بۇنىڭ بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرچە غىزالىنىش ھەمدە ئۇيغۇرچە ناخشا-مۇزىكىلار ئارقىلىق ۋەتەن تۇيغۇسىدىن ھوزۇرلىنىشىغا ئازراق بولسىمۇ شارائىت يارىتىلغان.

فىلىمدە تونۇشتۇرىلىشىچە، مۇقەددەس ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ۋە كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈشنى ئۆز ئائىلىسىدىن باشلىغان. ئۇنىڭ بالىلىرىغا ئۇيغۇرچە سۆزلەش، ئۇيغۇرچە كىيىنىش، ئ‍ۇيغۇرچە غىزالىنىش، ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئوقۇش ھەققىدىكى تەربىيەسى تېزلا ئۆز ئۈنۈمىنى كۆرسەتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىز ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئەۋلاتلىرىمىزغا مىراس قالدۇرىمىز دەيدىكەنمىز، بۇ ئىشلارنى جەزمەن ئائىلىمىزدىن باشلىشىمىز لازىم،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت