ئەنگلىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مۇنازىرە ئۆتكۈزمەكچى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.11.19

ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى پالاتاسى 25-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مۇنازىرە ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلار ئۇلار ئېلان قىلغان يىغىن خاتىرىسىدە بايان قىلىندى.

يىغىن خاتىرىسىدە ئېيتىلىشىچە، 25-نويابىر كۈنى يۇقىرى پالاتادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تېمىسىدىكى مۇھاكىمىدە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرىنىڭ «ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى يازما باياناتى ئاساسىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش ياكى ئاتىماسلىق ھەققىدە قارار ئېلىنىدىكەن. «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ 1-نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئېلزابېت ترۇس 2020-يىلى ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى بولۇۋاتقان ۋاقىتلاردىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلغانلىقتا ئەيىبلىگەنىكەن. شۇ ۋاقىتتا ئۇ «بىزنىڭ فىرانسىيەگە تۇتقان مۇئامىلىمىز خىتايغا تۇتقان مۇئامىلىمىزگە ئوخشىمايدۇ. چۈنكى فىرانسىيە خىتايغا ئوخشاش قىرغىنچىلىق بىلەن مەشغۇل بولغىنى يوق» دېگەن ئىكەن. ئەنگلىيە پارلامېنتى قىرغىنچىلىقنىڭ بەش تۈرلۈك تەبىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقتىن تولۇق تېپىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بۇ قىلمىشنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلمىغان.

بۇ قېتىمقى مۇنازىرە ھەققىدە چىقىرىلغان يىغىن خاتىرىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئېلان قىلغان قىرغىنچىلىقنىڭ تەبىرلىرى قىسقىچە شەرھلىنىش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەل مۇشۇ قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. شۇنىڭدەك ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتلىرى، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ سوت گۇۋاھلىق ماتېرىياللىرى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى باياناتلىرى، ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئەسلەپ ئ‍ۆتۈش بىلەن بىرگە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى تەنقىدلىنىدۇ. شۇنىڭدەك ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى ۋە تۆۋەن پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى باياناتلىرى خۇلاسىلىنىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئادىل قارار ئېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.