ئەردوغان نازاربايېفنى «تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاق ساقىلى» دەپ ئاتىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-04-18
Share


تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان 16—ئاپرىلدىن 18 - ئاپرىلغىچە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت زىيارىتىدە بولغاندا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنى «تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاق ساقىلى» دەپ ئاتىغان.

قازاقىستاننىڭ «تەڭرى خەۋەر ئاگېنتلىقى»نىڭ تارقاتقان ئۇچۇرىدا قەيت قىلىنىشىچە تايىپ ئەردوغان نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.

مەلۇمكى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2010 - يىلى، 24 - ئىيۇن كۈنى ئەنقەرە شەھىرىگە نازاربايېفنىڭ پۈتۈن تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ۋە ئېتىراپ قىلىش نۇقتىسىدىن ئۇنىڭ ھەيكىلىنى ئورناتقان ئىدى.

ئەردوغان بىلەن نازاربايېف ئەتىسى بىرلىككە قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرىگە بېرىپ، ئەخمەت يەسەۋى مازىرىنى تاۋاپ قىلدى.

ئەردوغان يەنە قازاق دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 550 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

«قازاقىستان بۈگۈن» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئەخمەت يەسەۋى نامىدىكى تۈركىيە - قازاقىستان خەلقارا ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە ئەخمەت يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېت ئۇنىڭغا پەخرىي پروفېسسورلۇق ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن، بۇ مۇراسىمدا نۇرسۇلتان نازاربايېفمۇ بىرگە بولغان ئىدى.

قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىدا ئەردوغاننىڭ ئەخمەت يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆز قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىغا يۇقىرى باھا بەرگەنلىكى، ئەردوغان بىلەن نازاربايېفنىڭ تۈركىيەنىڭ مەبلىغى بىلەن سېلىنغان ئەخمەت يەسەۋى مەسچىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقى ھەم باشقا بىر قاتار داغدۇغىلىق ئەھۋاللار ھەققىدە تۇشمۇ - تۇشتىن خەۋەر تارقاتتى.

تۈركىيە ترت ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئەخمەت يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلغان سۆزىدە «شەرقىي تۈركىستان»نى تىلغا ئالغان بولۇپ، «بىرما ۋە شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىۋاتقان خەۋەرلەر بىزلەرنى ئەندىشىلەندۈرىدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن.

ئەردوغان سۆزىدە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە باشقا نۇقتىلارنى تەكىتلەپ،« ئورتاق مەدەنىيەت تارىخىمىزدىن ئالغان بۇ مىراسنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ۋەزىپمىزدۇر» دەپ ئەسكەرتكەن

شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، نۆۋەتتە قازاقىستان تۈركىيەنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى ئەڭ سودا شېرىكى بولۇپ، ئۇلارنىڭ سودا مىقدارىنى يېقىن كەلگۈسىدە 10 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش ۋەدە قىلىنماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.