پرېزىدېنت ئەردوغان ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەۋسىيە قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.09.23

تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان ئەگەر ئامېرىكا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇش سۈپىتىدە كۈنتەرتىپكە قويسا، تېخىمۇ تېز ۋە تېخىمۇ پەرقلىق نەتىجىگە ئېرىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە نيۇ-يورك شەھىرىدە ب د ت نىڭ يىللىق ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەردوغان بۇ سۆزلەرنى21‏-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكادىكى «تۈركەن فوندى جەمئىيىتى» ناملىق بىر ۋەخپىدە نۇتۇق سۆزلەپ، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە تەكىتلىگەن. ئۇ «مەن ئامېرىكانىڭ ھازىر نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقى ھەققىدە توختالمايمەن. ئەمما ئامېرىكا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇش سۈپىتىدە بۇ مەسىلىنى پەرقلىق بىر شەكىلدە كۈنتەرتىپكە قويالايدۇ. ئەگەر ئۇ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى سۈپىتىدە بۇنى كۈنتەرتىپكە قويسا، تېخىمۇ تېز نەتىجە ئېلىش مۇمكىن، دەپ قارايمەن» دېگەن.

ئەمما ئەردوغان ئەگەر ئامېرىكا بۇ مەسىلىنى ب د ت نىڭ كۈنتەرتىپىگە قويسا تۈركىيەنىڭ قانداق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. يىغىندا ئوغۇز ئەنۋەر تۇرانى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياش نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا 3 مىليوندىن 5 مىليونغىچە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقى، دىنىي ئېتىقادىنىڭ رەت قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، ئاياللارنىڭ خىتايلارغا تېگىشكە زورلىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يېتىم قېلىپ، خىتايلارنىڭ بېقىشىغا بېرىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەردوغاندىن «شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقى» نى سورىغان ئىدى. ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىشىكىنى ئېچىپ، قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بەرگەنلىكى، شۇنداقلا خىتاي بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي تۈركىيەدىن ھەيئەت ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، تۈركىيە بۇ ھەيئەتنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قاراپ ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىنى «تېخىمۇ ئوچۇق ۋە تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىلەيدىكەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.