بۇراك بەكدىل: «ئەردوغان نېمىشقا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالماس بولدى؟»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-12-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

14‏-دېكابىر كۈنى ئىسرائىلىيەدىكى بىر تور بېتىدە تۈركىيەلىك ژۇرنالىست ۋە تەتقىقاتچى بۇراك بەكدىلنىڭ تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مەيدانىغا دائىر بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.

بۇراك بەكدىل «ئەردوغاننىڭ شەخسىي مەنپەئەتى ئۇنىڭ قىممەت ئۆلچىمىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە پرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ ئىسرائىلىيە ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشى، ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىپ، خىتايغا يېقىنلىشىشى قاتارلىق ھادىسىلەرنى ئانالىز قىلىپ، ئەردوغان «بىر دىندار ئىدىئالىستمۇ ياكى بىر رېئالىستمۇ» دېگەن سوئالغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشقان.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەردوغاننىڭ 2009‏-يىلىدىكى «ماۋىي مارمارا ۋەقەسى» دە ئىسرائىلىيە بىلەن دۈشمەنلەشكەن، ئەمما 2016‏-يىلى ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرغان. بۇ ئەھۋال 2015‏-يىلى رۇسىيە بىلەن بولغان ئايروپىلان كرىزىسىدا ئوخشاشلا تەكرارلانغان. بۇراك بەكدىل ئەردوغاننىڭ «5‏-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، خىتايغا قارشى چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن. پرېزىدېنت ئەردوغان 2009‏-يىلى يۈز بەرگەن «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ شۇ مەزگىلدە دۇنيادا ئۇيغۇرلارنى ئاشكارا قوللىغان بىردىن-بىر رەھبەر ئىدى. بىراق «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەپ، ئىككى تەرەپ نۇرغۇن ساھەلەردە ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالىغان. بۇ تۈركىيەدە خىتاينىڭ تەسىرىنىڭ تېز كېڭىيىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەت بوشلۇقى بارغانسېرى تارىيىپ كېتىشتەك ھازىرقى ۋەزىيەتنى ياراتقان ئىدى.

بۇراك بەكدىل ماقالىسىدە ئەردوغاننىڭ ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى يۈز مىڭلىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ئاۋاز چىقارمىغانلىقى، ھەتتا سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنى تۈركىيەگە ئېلىشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋالنىڭ تۈركىيەدىكى ئىقتىسادى كرىزىس ۋە ئەردوغاننىڭ رېئالىست خاراكتېرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ھازىر ئۇنىڭ خىتاينىڭ قەرز پۇلىغا، مەبلىغىگە ۋە خىتاي بىلەن سودا قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت