ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئايروپىلانىنىڭ ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا خەتەرلىك ئۇچۇشى دائىرىلەرنى ساراسىمىگە سالغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-06-15
Share

بۈگۈنكى خەلقئارا خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئائىت دۇبەي ھاۋا يوللىرى ئايروپىلانىنىڭ ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا خەتەرلىك ھالەتتە ئۇچۇشى خىتاي ھاۋا يولى دائىرىلىرىنى ساراسىمىگە سالغان. نەتىجىدە دائىرىلەر مەزكۇر ھاۋا يوللىرىغا 29 مىڭ سوم جەرىمانە قويغان ۋە ئۇنىڭ 6 ئايغىچە يېڭى ھاۋا يولى قوشۇش ۋە ئايروپىلان كۆپەيتىشىنى چەكلىگەن.

رويتىرسنىڭ بۈگۈن خىتاي ھاۋا يولى دائىرىلىرىنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن خەۋەر قىلىشىچە، دۇبەي ھاۋا يوللىرىنىڭ بىر ئايروپىلانى بۇ يىل 17-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا خاتا ئېگىزلىكتە ئۇچقان ۋە « ئايروپىلانلار توقۇنۇشى» خەۋپىنى شەكىللەندۈرگەن.

دائىرىلەرنىڭ يەنە شىكايەت قىلىشىچە، يەنە بىر خەتەرلىك ئۇچۇش ئۆتكەن ئاينىڭ 18-كۈنى يۈز بەرگەن؛ بۇ ئۇچۇشتا ئايروپىلاننىڭ رادىئو ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. دۇبەي ھاۋا يوللىرىنىڭ بۇ خىل « خەتەرلىك» ئۇچۇشلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان دائىرىلەر، خىتاينىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەرقانداق خاتالىقنى قىلچە ئەپۇ قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر رايون ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىدىكى بۇ ساراسىمنىڭ يالغۇز ھاۋا يولى بىخەتەرلىكى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى جىددىيچىلىك بىلەنمۇ ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، دۇبەي ھاۋا يوللىرى ئوتتۇرا شەرقتىكى غوللۇق بىر شىركەت بولۇپ، ئۇ خىتايغا ھەپتىسىگە 38 قېتىم ئۇچىدۇ؛ دۇنيا بويىچە 150دىن ئارتۇق شەھەر ئارىسىدا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت