ئۇيغۇر پۇتبولچى ئېرفان ھېزىم يېڭى پۇتبول كۇلۇبى بىلەن توختام ئىمزالىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-02-28
Share

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر پۇتبول ماھىرى ئېرفان ھېزىم پەيشەنبە كۈنى خىتايدىكى بىر پۇتبول كۇلۇبى بىلەن توختام ئىمزالىغان. بۇنىڭ بىلەن ئېرفان ھېزىمنىڭ لاگېردىن قۇتۇلغانلىقى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلانغان بولدى.

ئېرفان ھېزىمنىڭ 2018‏-يىلى ئەتىيازدا تۇتقۇن قىلىنىپ، دۆربىلجىندىكى بىر يىغىۋېلىش لاگېرىغا سولانغانلىقى رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەندىن كېيىن كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان ئىدى. 

2018-يىلى 6-ئايدا «دۇنيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى» رادىيومىزنىڭ خەۋىرىگە ئاساسەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر پۇتبولچى ئىرپان ھېزىمنىڭ «يىغىۋېلىش لاگېرى» دىن دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. دۇنيادىكى كەسپىي پۇتبولچىلاردىن تەشكىللەنگەن ۋە 60 دۆلەتتە 65 مىڭ ئەزاسى بولغان بۇ تەشكىلات باياناتىدا ئىرپان ھېزىمنىڭ ئىستىقباللىق بىر ئۇيغۇر پۇتبولچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ 2018-يىلى 2-ئايدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. 

ئىرفان ھېزىم 2018‏-يىلى 2‏-ئايدا غايىب بولغاندىن كېيىن ئۇ تۇنجى قېتىم ئۆتكەن ئايدا خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا پەيدا بولغان. ئەمما ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى دەلىللەنمىگەن ئىدى. 

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتى 22-فېۋرال كۈنى تارقاتقان بىر خەۋىرىدە ئېرفان ھېزىمنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، ئىرفان ھېزىم توپ ئوينايدىغان «جياڭسۇ سۇنىڭ» كۇلۇبى پۇتبولچىلىرىنىڭ گۇاڭدۇڭدا مەشىق قىلىۋاتقان رەسىملىرىدە ئىرفاننىڭ سۈرىتى بارلىقىنى خەۋەر قىلغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەيشەنبە كۈنى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ چاڭئەن پۇتبول كۇلۇبى قارمىقىدىكى بىر كۇلۇب ۋېيبودىكى سەھىپىسىدە ئېرفان ھېزىم بىلەن توختاملاشقانلىقىنى جاكارلىغان. ھالبۇكى، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئاپىرىلىپ بىر قىسمىنىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى تۈرمىلەرگە قامالغانلىقى رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت