ش ئۇ ئا ر نىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئىلگىرى ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى «جوڭخۇا مىللىتى تونۇشى يوق» دەپ تەنقىد قىلغان
2021.10.08
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنى «جوڭخۇا مىللىتى تونۇشى يوق» دەپ تەنقىد قىلغانلىقى ۋە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقى مەلۇم بولدى. خوڭكوڭدىكى «يۇلتۇزلىق ئارال يەر شارى تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەركىن تۇنىياز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن 2017-يىلى «شىنجاڭ گېزىتى» دە «ئۇيغۇر تارىخىنى توغرا تونۇيلى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ، بەزى ئۇيغۇر كادىرلىرىنى، زىيالىيلىرىنى ۋە ئاۋامنى «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» گە بولغان تونۇشى «مۇجىمەل، خاتا» ھەم «بىر تەرەپلىمىلىك» دەپ ھۇجۇم قىلغان.
ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى «جوڭخۇا مىللىتى ئەمەس»، «تۈركىي خەلق» دەپ قارايدىغانلىقى، بىراق ئۇلارنىڭ ھەرگىزمۇ «تۈركى خەلق ئەمەسلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ ماقالىسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر كادىرلىرىنى، زىيالىيلىرىنى، دىنىي زاتلىرىنى، مىللىي ھەم دىنىي كىملىك تۇيغۇسى كۈچلۈك ئاۋام خەلقنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماشقا باشلىغان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان.
«يۇلتۇزلىق ئارال يەر شارى تورى» نىڭ خەۋىرىدە يەنە ئەركىن تۇنىيازنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ نۇپۇس-پىلانلىق تۇغۇت، ئەمگەك-ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە مۇھىت خىزمىتىنى تۇتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەركىن تۇنىياز پىلانلىق تۇغۇت، ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ 80 پىرسەتتەك ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇنداقلا يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي كارخانىلىرىغا مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرغان.