مۇئاۋىن رەئىس ئەركىن تۇنياز خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ب د ت يىغىنىدا سۆز قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-06-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پۈتۈن دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ۋە بۇ يەردە تۈرلۈك قاباھەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى كۆپلەپ ئورۇن ئېلىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارىدىكى ئەركىن تۇنياز ب د ت يىغىنىدا لاگېرلارنى ئاقلاپ سۆز قىلدى.

25-ئىيۇن كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت باش شتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق تېمىسىدىكى يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنياز ئۇيغۇرلارنىڭ «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە شادىمان ۋە بەختىيار ياشاۋاتقانلىقى» ھەققىدە يېرىم سائەتچە سۆز قىلغان. شۇنداقلا لاگېرلارنى تولۇق ئىنكار قىلىپ، «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرىدە ‹ئەسەبىيلىك› ۋە ‹تېررورلۇق› ئىدىيەلىرى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغانلار تەربىيىلىنىۋاتىدۇ» دېگەن.

ئەمما خەلقئارادىكى كۆپلىگەن تەشكىلاتلار، جۈملىدىن د ئۇ ق ئەركىن تۇنيازنىڭ سۆزلىرىگە قاتتىق ئىبارىلەر بىلەن رەددىيە بەردى. د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «ئەركىن تۇنياز ھېچقاچان ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىپ باققان ئەمەس» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت