سوفى رىچاردسون ئەركىن تۇنىيازنىڭ «ئاناردەك دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقان» دېگەن تەشۋىقات سۆزىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-06-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

جەنۋەدە باشلانغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنياز دوكلات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ۋە لاگېر تۈزۈمىنى ئاقلىغان. ئۈ سۆزىدە «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى باراۋەر، ئىتتىپاق، ئىناق بولۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى» دېگەن ئىبارىلەرنى قوللانغان ئىدى.

ئەركىن تۇنىياز دوكلات بەرگەن شۇ كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق ئورگانلاردا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەركىن تۇنىيازغا سۆز قىلىش پۇرسىتى بەرگەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ «خەلق تورى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئەركىن تۇنىيازنىڭ شۇ كۈنىدىكى دوكلات ئەھۋالىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئۇنىڭ ب د ت دىكى بۇ نۇتۇقىنىڭ ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. «خەلق تورى» بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە «ھەر قايسى تەرەپلەر ئەركىن تۇنىيازنىڭ سۆزىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، نۇتۇقتىن شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى،» دەپ يازغان.

ئەمەلىيەتتە ئەركىن تۇنىيازنىڭ شۇ كۈنىدىكى سۆزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون 26-ئىيۇن كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مەخسۇس باياناتىدا ئەركىن تۇنىيازنىڭ شۇ كۈنىدىكى سۆزلىرىنى «باشتىن-ئاياق نومۇسسىزلارچە قىلىنغان بىر يالغانچىلىق ۋە قۇرۇق تەشۋىقات، خالاس» دېگەن.

ئۇ باياناتىدا ئەركىن تۇنىيازنىڭ شۇ كۈنىدىكى سۆزىدە خەلقئارادىكى ئىلمىي تەتقىقاتچىلار، دىپلوماتلار، ژۇرنالىستلار، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى ۋە شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئالغا سۈرگەن پاكىت ۋە ئەندىشىلەرگە قارىتا بىرەر ئېغىزمۇ جاۋاب بېرىلمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى. سوفى رىچاردسون يەنە ئەركىن تۇنىيازنىڭ سۆزىنىڭ بىر قىسمىنى ئۇيغۇرچە تەكرارلىشىغىمۇ باھا بېرىپ «ئەركىن تۇنىيازنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىزمەتداشلىرى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشتىن چەكلىنىۋاتقان بىر شارائىتتا، ئۇنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە سۆزىنىڭ بىر قىسمىنى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشى تولىمۇ كۈلكىلىك. . . ئەركىن تۇنىياز سۆزىدە ھەر مىللەت خەلقى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمىشقا بۇ كىشىلەرنى شۇنچە قاتتىق نازارەتكە ئالىدىغانلىقىغا جاۋاب بەرمىدى،» دېدى.

سوفى خانىم باياناتىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىشقا يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت