ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشنى «قىرغىنچىلىق» دەپ كۆرسەتتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.06.30

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي يولغا قويۇۋاتقان تەدبىرلىرىدىن قىز-چوكانلارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشى خەلقئاراغا كۆپلەپ مەلۇم بولدى. 30-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش تەدبىرلىرىنى «قىرغىنچىلىققا باراۋەر» دەپ كۆرسەتتى.

باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى چەكلەش ئۈچۈن قىز-چوكانلارنى مەجبۇرىي يوسۇندا تۇغماس قىلىۋېتىشى خەلقئارادىكى قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىلىرىغا سېلىشتۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، «قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسى» نىڭ 2-ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ «قىرغىنچىلىق دېگەندە تۈرلۈك چارىلەرنى قوللىنىپ مەلۇم ئېتنىك تۈركۈمدىكى كىشىلەرنىڭ نوپۇس جەھەتتىكى كۆپىيىشىنى چەكلەش قىلمىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ» دېيىلگەنىكەن.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلار نوپۇسىنى چەكلەش ئۈچۈن تۈرلۈك چارىلارنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىمىزنى خىتاي ھۆكۈمىتى غەرەزلىك ھالدا قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىۋاتامدۇ-يوق، دېگەن تېما بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە دەۋەت قىلىمىز. شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىگە قارشى بىرەر قارار لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرىمىز» دېدى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ زور بىر قىسمى «كۆپ پەرزەنتلىك بولغان» دېگەن ئەيىب بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇغماس قىلىۋېتىش تەدبىرلىرىنىڭ نەتىجىسىدە 2019-يىلى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تۇغۇت نىسبىتى 24 پىرسەنت تۆۋەنلەپ كەتكەن. يەنە كېلىپ 500 مىڭچە گۆدەكنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن جۇدا بولۇپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى دارىلئېتاملارغا مەھكۇم بولۇشى ھەمدە بۇ جايدا ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە تىل-يېزىقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇشى بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى گەرىي باۋۇر بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 21-ئەسىردە مەجبۇرىي تۇغماسلىق تەدبىرىنى قوللىنىشى ئادەمنى شۈركەندۈرىدۇ. بىز ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى›نى تېزىن ئىجرا قىلىپ بۇ ۋەھشىيانە جىنايەتلەرگە جاۋابكار ئەمەلدارلارغا جازا بېرىشكە جىددىي چاقىرىمىز» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.