ئەركىنلىك سارىيى يىللىق دوكلاتىدا خىتاي ناچارلارنىڭ ئىككىنچى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.01.27

بۈگۈن باش شتابى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئەركىنلىك سارىيى تەشكىلاتى دۆلەتلەرنىڭ ئەركىنلىك خاتىرىسى ھەققىدە 2015-يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا 52 دۆلەت ئەركىنلىك خاتىرىسى ناچارلاشقان دۆلەتلەر دەپ تىزىملانغان، تىزىمدا سۈرىيە 1-خىتاي ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن، بۇلاردىن كېيىن سومالى، كورېيە، ئۆزبېكىستان ۋە ئېرىترىيە ئورۇن ئالغان.

دوكلاتتا بىلدۈرۈلۇشىچە، ئەركىنلىك خاتىرىسى مەزكۇر دۆلەتلەردىكى پۇقرالارنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، تەشكىلاتلارغا قاتنىشىش، سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە ئەدلىيە سېسىتىمىسى ئەركىن بولۇش دەرىجىسىگە قاراپ باھالانغان ۋە رەتكە تۇرغۇزۇلغان. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ ئەركىنلىك خاتىرىسىدە يېقىنقى يىللاردىن بېرى بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولغان.

دوكلاتتا يەنە، ئۇرۇش ۋەزىيىتى سەۋەبلىك ئوتتۇرا شەرق ئەركىنلىك خاتىرىسىنىڭ ناچارلىشىپ ماڭغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، بۇنىڭغا يەنە ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر قىسىم دىكتاتور ھاكىمىيەتلەر بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە تۈرتكە بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرا شەرق مۇستەبىتلىرى بىلەن بولغان دوستلۇقىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرىلغان.

ئەركىنلىك سارىيى 1941-يىلى ئامېرىكىدا قۇرۇلغان بىر ئاممىۋى تەشكىلات بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئوكرائىنا، ۋېنگىرىيە قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەتتە تارماق شۈبىسى مەۋجۇت.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.