ئەركىنلىك سارىيىنىڭ خىتاينى «ئەركىن بولمىغان دۆلەت» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈشى دىققەت قوزغىدى
2015.01.29
ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ئەركىنلىك سارىيى 28-يانۋار چارشەنبە كۈنى 2014-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. «دېموكراتىيەدىن ۋاز كېچىپ مۇستەبىتلىككە قايتىش»ناملىق دوكلاتتا خىتاينىڭ «ئەركىن بولمىغان دۆلەت» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلۈشى دىققەت قوزغىدى.
تۈنۈگۈن دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۈگۈن كۆپلىگەن خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرى مەزكۇر دوكلات ھەققىدە خەۋەر ۋە ئىنكاسلارنى بەردى. مەلۇم بولۇشىچە، دوكلاتتا 195 دۆلەت ۋە رايون ئىچىدە، 89 دۆلەت «ئەركىن دۆلەت» كاتېگورىيەسىگە، 55 دۆلەت «قىسمەن ئەركىن دۆلەت» كاتېگورىيەسىگە، شىمالىي كورېيە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر «ئەركىن بولمىغان دۆلەت» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
ئامېرىكا ئاۋازى، رويتېرس، ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىقلارنىڭ 29-يانۋار بەرگەن خەۋەرلىرىدە، مەزكۇر دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان، 2014-يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەركىنلىك كەيپىياتىنىڭ 2013-يىلدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقى، دوكلاتنىڭ خىتاي ھەققىدىكى قىسمىدا خىتاي ھېلىھەم «ئەركىن بولمىغان دۆلەت» قاتارىغا كىرىدىغانلىقى، خىتايدىكى ئەركىنلىك كەيپىياتىنىڭ بارغانچە ناچارلاپ كەتكەنلىكى قاتارلىق مەزمۇنلار ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.