ئېرلاندىيەدىمۇ ئۇيغۇرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا چىقتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-03-09
Share

ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش ۋە تەقىبنىڭ بىۋاستە ھالدا غايەت زور كۆلەمدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى تاشقى دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن ھەرقايسى چوڭ شىركەتلەر ۋە خەلقئارالىق داڭلىق ماركا ساھىبلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ قەبىھ قىلمىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. يېقىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئانچە كۆپ ئىپادە بىلدۈرۈپ باقمىغان ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ئېرلاندىيەدىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق تەمىنات زەنجىرىنى قەتئى مەنئى قىلىش چۇقانلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئەنگليەدە چىقىدىغان «ۋاقىت» گېزىتىنىڭ 9-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئېرلاندىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىدىن كاسېرىن كاننولىي خانىم ئېرلاندىيە مالىيە مىنىسىترلىكىگە مەكتۇپ يوللاپ مەزكۇر مىنىستىرلىك قارمىقىدىكى «ئېرلاندىيە ئىستراتېگىيىلىك مەبلەغ فوندى» نىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياكى باشقا ھالقىلار بىلەن قايسى دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلغان. ئېرلاندىيە مالىيە مىنىستىرى پاسكال دونوخې بۇ سوئالغا يازما جاۋاپ قايتۇرۇپ، مەزكۇر مەبلەغ فوندىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قىسىم زاۋۇتلار بىلەن ھەمكارلىق ئالاقىسى بارلىقىنى، ئەمما بۇ ھەمكارلىقنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق ياكى ئەمەسلىكى ھازىرچە نامەلۇم ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى جىددىي تەكشۈرۈشكە بۇيرۇغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئېرلاندىيە ئىستراتېگىيىلىك مەبلەغ فوندى» ئېرلاندىيەدىكى ئەڭ چوڭ سودا شىركىتى بولۇپ، ئېرلاندىيەنىڭ چەتئەللەردىكى مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى ھەرقاچان مۇشۇ شىركەت ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت