خىتاي قەشقەر ۋە خوتەندىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى دۆلەت كارخانىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.09.04

قۇربان ھېيتنىڭ 3-كۈنى خىتاي تاراتقۇلىرى «دېھقان-چارۋىچىدىن ھازىرقى زامان ئىشچىلىقىغىچە: قەشقەر، خوتەندىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشچىلىرىغا ئايلاندى» ناملىق ماقالىنى ئۇلاپ باسقان.

«شىنجاڭ گېزىتى» تەھرىراتى بۇ ھەقتە مەخسۇس ئىلاۋە يېزىپ، بۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارغا كۆرسىتىلگەن ئەمەلىي نەپ ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، بۇ يىل 8-ئاينىڭ 23-كۈنىگە قەدەر، دائىرىلەر قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدىن يۆتكىگەن 10 مىڭ 680 نەپەر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى شىمالدىكى 16 دۆلەت كارخانىسى بىلەن مەركەزنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇرۇشلۇق 26 كارخانىسىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان ئىكەن.

بۇ زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر ئىشچىلار نۆۋەتتە ئۆزلىرى ئورۇنلاشقان دۆلەت كارخانىلىرىدا «پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، خىتاي تىلى ۋە قانۇن-تۈزۈم ئۆگىنىش، ھەربىي مەشىق قىلىش، ‹ئۈچنى سۆيۈش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش› ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرىنى ئۆگىنىش» ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولماقتىكەن.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، ئۇلار دەسلەپكى تەربىيە باسقۇچىدا ئايدا 2 مىڭ يۈەندىن، رەسمىي ئىش باشلىغاندىن كېيىن ئايدا 3 مىڭ يۈەندىن مائاش ئالىدىكەن.

خىتاي تاراتقۇلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىشلەۋاتقان يەرلىك مىللەت ئىشچىلىرىنىڭ مىللىي نىسبىتىنىڭ ئىلگىرىكى 25 پىرسەنتتىن ئۆرلەپ 35 پىرسەنتكە يەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ھالبۇكى، كۆزەتكۈچىلەر، دائىرىلەرنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا تەكلىپ قىلىۋاتقان خىتاي ساقچىلار بىلەن ئاتالمىش «دۆلەت تىلى» ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئايلىق مائاشىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ ئىش ھەققىنى 3 قاتلايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.