بۇ يىل ئاقسۇدىن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى نامىدا 185 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-11-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشنى داۋاملىق كېڭەيتمەكتە. بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 3 پەسلىدە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن باشقا جايلارغا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى نامىدا يۆتكەلگەن ئادەم سانى 185 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

ئاقسۇ ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئەسلى ھۆكۈمەت مۇشۇ مەزگىل ئىچىدە 130 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ پىلان 142 پىرسەنت ئارتۇق ئورۇندىلىپ، سىرتقى يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن ئادەم قېتىم سانى 185 مىڭ 100 گە يەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا باغلاپ كەلدى.

خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشى، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىگە ياكى شىمالدىكى خىتايلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق رايونلارغا يۆتكىشى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئۇلار خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىش، بۇ ئارقىلىق قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇدەك رايونلاردا خىتاي نوپۇسىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. لېكىن «ئاقسۇ ئاخبارات تورى» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يۆتكەشتە 137 مىڭ 900 دىن ئارتۇق ئادەم ناھىيە تەۋەسىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇچتۇرپان، باي قاتارلىق جايلارنىڭ يېزىلىرىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى تېرىقچىلىق چوڭ ناھىيەلىرىگە يۆتكەپ، 1-كەسىپتە 99 مىڭ 500 قېتىمدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان. يېزىلاردىكى 79 مىڭ 200 ئادەم قېتىمغا يېقىن ئەمگەكچى پاختا تېرىش، چىلان، ياڭاق يىغىش قاتارلىق پەسىل خاراكتېرلىك ئىشلەشكە تەشكىللەنگەن.

«خىتاي ئاخبارات تورى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش بىلەن چەكلىنىپلا قالماي، يەنە دېھقان-چارۋىچىلارنى يېڭى تۇرمۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدىمۇ كۆچۈرمەكتە ئىكەن. خەۋەردە، دائىرىلەرنىڭ بۇ يىلقى پىلانىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 30 مىڭ دېھقان-چارۋىچىنى تۇرۇۋاتقان جايلىرىدىن كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت