خىتاي ئۇيغۇر ئېلىگە 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن كىرگۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-10-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئېلىگە يەنە 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن كىرگۈزۈشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئەڭ دەسلەپتە خوڭكوڭدىكى «كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزى» ئاشكارىلىدى.

ئۇچۇر مەركىزى21 -ئۆكتەبىر تارقاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدا ئارقا-ئارقىدىن پارتلاۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشتا خىتاي ساقچىلىرى سان جەھەتتىن ئاز كەپ قالغان.

پەقەت بىر ئاي ئىچىدىلا بۈگۈر ۋە مارالبېشى قاتارلىق ناھىيىلەردە يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە ئاز دېگەندىمۇ 70 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن، نەچچە يۈز ئادەم يارىلانغان ئىدى.

ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇلاھىزىسىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتى بۇ نۆۋەت بېيجىڭدا چاقىرىلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا ئاساسلىق مۇزاكىرە تېمىسى بولىدىكەن.

ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتىكى يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىگە يەنە زور مىقداردا قوشۇن يۆتكەش ياكى يۆتكىمەسلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدا يۇقىرىقى تېمىدا ھېچنەرسە دېيىلمىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت