يازغۇچى ئەخەت تۇردى ئۈرۈمچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.07.05

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان ئەخەت تۇردى 2018-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ۋاپاتى ۋەتەن ئىچى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى كۈچلۈك قايغۇغا چۆمدۈردى.

مەرھۇم يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئەخەت تۇردى ئۆزىنىڭ «ئۇنتۇلغان كىشىلەر»، «ھايات شۇنداق»، «ئاي يامغۇرى»، «قاباھەت»، «سەرسان روھ»، «يەكچەشمە»، «كونا كۇچا» ناملىق رومانلىرى ھەمدە «گۈلخان»، «قىيانلىق دەريا»، «بەختسىز سەئىدىيە»، «گىرىمسەن يوللار»، «قەترە» قاتارلىق ھېكايىلەر توپلىمى ۋە پوۋېستلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشكەن يازغۇچى ئىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ قارىشىچە، ئەخەت تۇردى ئەسەرلىرىدىكى رېئال تېمىلار ۋە جانلىق پېرسوناژلار ئوبرازى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى زامان ئىجتىمائىي ھاياتىنى يارقىن يورۇتۇپ بەرگەن ئىستېداتلىق ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇنىڭ يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك ئىكەن. 

مەرھۇم ئەخەت تۇردى 1940-يىلى 11-ئايدا قەشقەر شەھىرىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 1959-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن «تارىم» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر ۋە كېيىنچە مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. مەرھۇم ئەخەت تۇردى ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1958-يىلى «تارىم» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «گۈرۈچ» ناملىق ھېكايىسى بىلەن كىرىپ كەلگەن ئىكەن. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن زور يوقىتىش، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.