قازاقىستان مەتبۇئاتىدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ قازاسىنىڭ 68 يىللىقى خاتىرىلەندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-09-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قازاقىستان ئۇيغۇر مەتبۇئاتىدا 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ قازاسىنىڭ 68 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ماقالە ئېلان قىلىندى.

قازاقىستاندا چىقىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ يېڭى سانىدا 1949-يىلى، 27-ئاۋغۇست كۈنى ،1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى، ئىساقبەگ مۇنونوف قاتارلىقلارنىڭ ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچراش مەسىلىسى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالە ئاپتورى ژۇرنالىست يادىگار سابىتوف ئۆز ماقالىسىنى يېزىشتا يېقىندا رۇسىيەدە ئېلان قىلىنغان ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى بىر قىسىم ماقالە -ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلغان.

يادىگار سابىتوف رۇسىيەنىڭ بۇرياتىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلىنغان رۇسىيە ژۇرنالىستى بوتاجاپ رادنايېۋنىڭ «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ بۇرياتىدە ھالاك بولۇشى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدىكى ئۇچۇرلار ئاساسىدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ بۇرياتىيە جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى كابان تېغىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن.

تارىخى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق 8 كىشىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، 1949-يىلى، 27-ئاۋغۇست كۈنى بايقال كۆلى بويىدىكى ئىركۇتسكي شەھىرىگە يېقىن جايدا ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى رەسمىيلەشتۈرگەن ئىدى. ھازىرغىچە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئىركۇتسكي، چىتا قاتارلىق جايلاردا ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچرىغانلىقى ئېيتىلغان، بىراق، رۇسىيەدە ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم يېڭى ئىنتېرنېت ماقالە-ئۇچۇرلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار، بايقال كۆلى بويىدىكى بۇرياتىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ كابان تېغىدا قازاغا ئۇچرىغان. يادىگار سابىتوف ماقالىسىنى مەزكۇر ئۇچۇرلار شۇنىڭدەك سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ئەسلىمىسىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ يېزىپ چىققان.

ۋەھالەنكى، ئاپتور ھازىرغىچە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ قازاسىنىڭ ئورنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار داۋاملىشىپ كېلىنگەنلىكىنى قەيت قىلغان.

تارىخى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەخمەتجان قاتارلىقلار جەسەتلىرى 1950-يىلى، فېۋرالدا ماۋ بىلەن ستالىن سوۋېت-خىتاي دوستلۇق كېلىشىمىنى تۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن غۇلجىغا ئېلىپ كېلىنىپ، دەپنە قىلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت