ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مۇنونوف قاتارلىقلار بىلەن بىرگە قازا قىلغان ئابدۇرېشىت ئىمىن خاتىرىلەندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-10-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

1949-يىلى، 8-ئايدا مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن بىر قاتاردا قازاغا ئۇچرىغۇچىلاردىن بىرى، جۈملىدىن ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئۆمەكنىڭ تەرجىمانى ۋە مۇخبىرى ئابدۇرېشىت ئىمىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى ۋە ئۇنىڭ قازاسىنىڭ 68 يىللىقى خاتىرىلىنىپ، مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىندى.

خىتاي ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە ئېچىلىدىغان سىياسىي كېڭەشنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، 1949-يىلى، 27-ئاۋغۇست كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بايقال كۆلى ئەتراپىدا ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچرىدى، دەپ ئېلان قىلىنغان ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مۇنونوف، دەلىلقان سۇگۇربايېف، ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاتارلىق 8 كىشىلىك گۇرۇپپا ئىچىدە ئابدۇرېشىت ئىمىن، غېنى كەرىموف، ئوسمانجان ناسىر قاتارلىق خادىملارمۇ بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىدىكى ئابدۇرېشىت ئىمىن 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ۋە ژۇرنالىستلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ژۇرنالىست يادىكار سابىتوفنىڭ ئابدۇرېشىت ئىمىن ھەققىدىكى مەخسۇس خاتىرە ماقالىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئابدۇرېشىت ئىمىن 1922-يىلى، قورغاستىكى خونخاي مازار كەنتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى ئەينى ۋاقىتتىكى «ئىلى تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، يەنى «ئىمىن تارىخ» دەپ ئاتالغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى ئىمىنجان باۋۇدۇن ئىدى. ئابدۇرېشىت ئىمىن 1935-1941-يىللىرى غۇلجىدا خىتاي تىلىدىكى مەكتەپتە ۋە «ئىلى گىمنازىيەسى» نىڭ خىتاي تىلى سىنىپىدا ئوقۇغان بولۇپ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى سانى ئاز خىتاي تىلى بىلىدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ مىللىي ئىنقىلاب باشلانغاندا غۇلجىدىكى «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە مۇخبىر بولۇپ خىزمەت قىلغان. 1945-1946-يىللىرى ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرەپ بىلەن خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى جەريانىدا ئۆز تەرىپىنىڭ تەرجىمانى بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئابدۇرېشىت ئىمىن 1944-1949-يىللىرى ئارىسىدا كۆپلىگەن شېئىر ۋە ھېكايىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغان شۇنىڭدەك «كۈرەش ئىلھاملىرى» ناملىق توپلىمىنى قالدۇرغان. 

ئابدۇرېشىت ئىمىن قازاغا ئۇچرىغاندا 27 ياشتا ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت