«فوربىېس» ژۇرنىلى فېيسبۇكتىكى خىتاي ئېلان-سەنئەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
2021.05.07
ئامېرىكادىكى «فوربېس» ژورنىلى فېيسبۇكتىكى بەزى خىتاي ئېلان-سەنئەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەردە ئىيتىلىشىچە، «ئۇلۇغ ئېرا» قانىلى يېقىندا فېيسبۇكنىڭ ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دىن پايدا ئېلىۋاتقان بىر خىتاي شىركىتىنىڭ ئېلانىنى تارقىتىپ، ئۇنىڭدىن كىرىم قىلغانلىقىغا ئائىت دەلىللەرگە ئېرىشكەن. «فوربېس» ژۇرنىلى بىر خىتاي شىركىتىنىڭ فېيسبۇك ئارقىلىق داۋاملىق چاچ ساتقانلىقى، ئۇنىڭ بۇ چاچلارغا ئۇيغۇرلاردىن ئېرىشكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىشىچە، ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش شىركەتلەرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چېچىنى ساتماقتا ئىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خىتاينىڭ خوتەندىكى زاۋۇتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ چېچىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان چاچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلىگەن. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۆتكەن يىلى خوتەندىكى بىر چاچ مەھسۇلارلىرى زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىلغان 13 توننا چاچنى تۇتۇپ قالغان.
كۆزەتكۈچىلەر بۇ مەھسۇلاتنىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چېچىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، فېيسبۇك «فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا چېتىشلىق بۇ خىل ئېلان-سەنئەتلەردىن پايدىغا ئېرىشىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئاالىغا جاۋاپ بەرمىگەن.
«ۋول-ستېرېت ژورنىلى» گېزىتى بۇ يىل ئاپرىلدا بەرگەن خەۋىرىدە «بىر قىسىم فېيسبۇك خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىچكىي ئۇچۇر تاختىسى ۋە باشقا خىزمەتچىلەر بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىدە خىتاينىڭ فېيسبۇكنى ئۆز تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقانلىقىغا بولغان ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، بۇ تەشۋىقاتلاردا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.









