فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى(FBI) خادىمى ئامېرىكىنى خىتايدىن كېلىۋاتقان يوشۇرۇن خەۋپكە دىققەت قىلىشقا چاقىرغان

مۇخبىرىمىز سادا
2018.12.13

يېقىندا ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى(FBI) نىڭ ياردەمچى دىرېكتورى بىل پرىستەپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن كېلىۋاتقان يوشۇرۇن تەھدىتلەرگە سەل قاراۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭغا قارىتا چوقۇم بىر ھەرىكەت قوللىنىش لازىملىقى ھەققىدە چاقىرىق قىلغان.

ئامېرىكا رادىئو شىركىتىنىڭ 12-دېكابىردىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۆتكەن ئالتە ئاي مابەينىدە ئامېرىكىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە نەچچە يۈزلىگەن ماقالە ئېلان قىلىنىپ، خىتايدىن كېلىۋاتقان تور جاسۇسلۇقى تەھدىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.

بىل پرىستەپ ئامېرىكا سېناتورلىرى ئۇيۇشتۇرغان تەپتىش كومىتېتىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «بۇ خىل تور جاسۇسلۇقى تەھدىتى بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۇچراۋاتقان ئەڭ ئېغىر تەھدىت. بۇ مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەت پەقەتلا ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى بولماستىن، بەلكى پۈتۈن دۇنيانىڭ كەلگۈسى بولۇپ قالىدۇ،» دېگەن.

بىل پرىستەپ ۋە ئامېرىكىنىڭ باشقا ئىككى نەپەر ئالىي دەرىجىلىك خادىمى خىتاينىڭ قانۇنلۇق ۋە قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ يېڭىلىقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتەك قورقۇنچلۇق ئۇرۇنۇشىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ چىققان.

ماقالىدە بىل پرىستەپنىڭ گۇۋاھلىقىغا قوشۇپ، ئامېرىكا ئەدلىيە ئىدارىسى دۆلەت بىخەتەرلىكى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جون دامېرىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى كۆز-قارىشىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن سودا ياكى ھەربىي مەخپىيەتلىكلەرنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنۇشىنى نۇقتىلىق تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.