كۆپىنچە فىلىپپىنلىقلار خىتاي بىلەن قوراللىق توقۇنۇش كېلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن
2015.06.20
كۆپىنچە فىلىپپىنلىقلار دېڭىز دەتالىشىنىڭ خىتاي بىلەن قوراللىق توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
«خەلقئارا سودا ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 19 - ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئىجتىمائىي ھاۋا ئىستانسىسى ناملىق بىر جەمئىيەت بۇ ھەقتە بىر راي سىناش ئېلىپ بارغان. راي سىناشقا قاتناشقان 1 مىڭ 200 ئادەمنىڭ 49 پىرسەنتى توقۇنۇش چىقىپ قېلىشتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقنى بىلدۈرگەن بولسا، 35 پىرسەنتى بىرئاز ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خىتاي فىلىپپىنغا تەۋە دېڭىز تېررىتورىيەسىدە پائالىيەت قىلىشنى توختىمىغاندىن كېيىن، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى خەلقئارا دېڭىز قانۇنى سوتىغا خىتاي ئۈستىدىن ئەرز قىلغان. خىتاي بۇنىڭغا قۇلاق سالمىغان.
خىتاي ئۆتكەن ھەپتە جەنۇبىي دېڭىزدا ياساۋاتقان سۈنئىي ئارالنىڭ پۈتۈش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ بۇ ئارال قۇرۇلۇشى فىلىپپىن، ۋىيېتنام قاتارلىق ئەللەرنىڭ نارازىلىقنى قوزغىغان ئىدى.