فىنلاندىيە پارلامېنتىغا قىلىنغان خاككېرلىق ھۇجۇمىنىڭ كەينىدە خىتاينىڭ قولى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.03.28

فىنلاندىيە دائىرىلىرى 2021-يىلى فىنلاندىيە پارلامېنتى ئۇچرىغان خاككېرلىق ھۇجۇمىنىڭ كەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە چېتىشلىق بولغان APT31 خاككېرلىق گۇرۇپپىسى بارلىقىنى جاكارلىغان.

 «تېخنىكا خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فىنلاندىيە ساقچى دائىرىلىرى 26-مارت كۈنىدىكى باياناتىدا، خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى (MSS) بىلەن چېتىشلىق بولغان APT31 خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ 2020-يىلى كۈزدىن 2021-يىلىنىڭ بېشىغىچە بولغان ئارىلىقتا فىنلاندىيە پارلامېنتىنىڭ ئېلخەت ئادرېسلىرىغا جاسۇسلۇق ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئېلخەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارلامېنت ئېلخەتلىرىگە سۇقۇنۇپ كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. فىنلاندىيە دائىرىلىرى بۇ ۋەقەنى «دۆلەت تور جاسۇسلۇق ھەرىكىتى» دەپ ئاتىغان.

ئۇندىن ئىلگىرى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمەتلىرىمۇ ئارقىمۇ-ئارقىدىن بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىدىكى خاككېرلىق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمەتلىرى بۇ تۈردىكى خاككېرلىق گۇرۇپپىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بۇ خاككېرلىق گۇرۇپپىسى 10 مىڭدىن ئارتۇق ۋىرۇسلۇق (يامان غەرەزلىك) ئېلخەت ئارقىلىق يەر شارى خاراكتېرلىك ھۇجۇم قوزغىغان بولۇپ، ئۇ ئوخشىمىغان قىتئە، ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە مىڭلىغان كىشىنى نىشان قىلغان ئىكەن.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد كامېرون بۇ ھەقتىكى باياناتىدا خىتاينىڭ خاككېرلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بارلىق دۆلەتلەرنى خىتاينى ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلەشكە چاقىرغان ئىدى.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.