قەشقەر - تاجىكىستان چېگراسىدىكى قاراسۇ تاموژنىسى ئىش باشلىغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-05-09
Share


خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر چېگرا ئېغىزىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

«شاڭخەي گېزىتى» نىڭ 8 - مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «قاراسۇ تاموژنىسى» دەپ ئاتىلىدىغان مەزكۇر چېگرا ئېغىزى قەشقەر بىلەن تاجىكىستان چېگراسىغا جايلاشقان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ چېگرا ئېغىزى قۇرۇلۇشى ۋە تەييارلىق خىزمەتلىرىگە 10 يىل كەتكەن. ھاۋا رايى ۋە يول بىخەتەرلىكى مەسىلىسى تۈپەيلى چېگرا ئېغزى پەقەت ھەر يىلى ئاپرېلدىن نويابىرغىچە ئىشلەيدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق قىلىنغان ئىمپورت - ئېكسپورت مىقدارى خىتاي بىلەن تاجىكىستان ئارىسىدىكى سودا نىسبىتىنىڭ 78 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن.

خىتاي يېقىندا پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىنى قەشقەر بىلەن تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا 46 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر قۇرۇلۇشلارنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى نامەلۇم.

ئىگىلىرى بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.