فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون خىتايدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.11.01
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننى خىتايغا قىلىدىغان رەسمىي زىيارىتى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.

مەزكۇر ئورگاننىڭ 1-نويابىر كۈنىدىكى باياناتىدىن قارىغاندا، ئۇلار فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرونغا مەكتۇب يوللاپ، ئۇنى نويابىرنىڭ 4-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان رەسمىي زىيارىتى مەزگىلىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي تەربىيە لاگېرلىرىنى درھال تاقاش ۋە بارلىق تۇتقۇنلارنى ئازاد قىلىش ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان. 

ئۇلار شۇنداقلا فىرانسىيەنىڭ خىتاي تەرەپكە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە تەلەپ قىلىۋاتقان نامايىشچىلارنىڭ تەلەپلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان. 

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دېرىكتورى كېننېت ھەرقايسىي دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىدىكى مەسىلىلەرنى ئوچۇق-ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، پەردە ئارقسىدا خىتاي تەرەپكە ئەندىشىلىرىنى يەتكۈزۈشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە «كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشنىڭ بەدىلى بولىدىغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارە تىلغا ئالماسلىق شى جىنپىڭنى زۇلۇمنى داۋاملاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدۇ،» دېگەن. 
فىرانسىيە 29-ئۆكتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش 3-كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرلەشمە بايانات بەرگەن 23 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.