20 دۆلەت مالىيە مىنىستىرىلىرى ۋە مەركىزى بانكا باشلىقلىرى يىغىنى ئاخىرلاشتى.

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.02.28


26 - 27 - فېۋرال كۈنلىرى شاڭخەيدە ئېچىلغان «گ20»، يەنى دۇنيادىكى 20 چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئەزا دۆلەتلەر مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنى يېپىلىپ، يىغىن خۇلاسىسى سۈپىتىدە بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىنپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە بانكا باشلىقلىرى نۆۋەتتە پۈتۈن يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئاجىزلىق خاراكتېرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى، بۇنىڭ دەسمايە يۆتكىلىشىنىڭ مۇقىمسىزلىقى، ياۋروپادىكى كۆچمەنلەر كرىزىسى ۋە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىش ئېھتىماللىقى ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ۋە باشقىلارنى كۆرسەتكەن.

بىرلەشمە ئاخباراتتا ھەرقايسى دۆلەتلەر تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەت قوللىنىپ، يەر شارى ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشقا قوشۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

يىغىندا 20 سانائەت دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر مالىيە مىنىستىرىلىرى ۋە مەركىزى بانكا مىنىستىرلىرى نۆۋەتتىكى دۇنيا ئىقتىسادى ۋەزىيىتى، مەبلەغ سېلىش ۋە ئاساسى ئەسلىھە، خەلقئارا پۇل فوندى قۇرۇلمىسى، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى ئىسلاھاتى ۋە باشقا تۈرلۈك مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغان.

يىغىن جەريانىدا ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ بۇ يىلقى مۇھىم ئىقتىسادىي خەتەر سۇپىتىدە دۇنيا ئىقتىسادىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىن جەريانىدا يەنە برازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقادىن ئىبارەت بەش دۆلەت يەنى، «بىرىكىس» گۇرۇھى مالىيە ئەمەلدارلىرى ئايرىم يىغىن ئېچىپ، شەنبە كۈنى بەش دۆلەت گۇرۇھىنىڭ تەرەققىيات بانكىسىنىڭ مەركىزىنى شاڭخەيدە قۇرۇشقا پۈتۈشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.