داڭلىق ئۆكتىچى زات گاۋ جىشىڭ شاياردىكى تۈرمىدىن قويۇۋېتىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-08-07
Share

تۈرمىدىكى داڭلىق خىتاي ئۆكتىچىسى گاۋ جىشىڭ چارشەنبە كۈنى قويۇۋېتىلگەن. بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن گاۋ جىشىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىغا قىلغان زىيانكەشلىكىگە قارشى سۆز قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن دەسلەپ 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. دائىرىلەر كېيىن ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنى يەنە 5 يىل ئۇزارتقان ئىدى.

ھاياتىنىڭ 8 يىلىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن گاۋ جىشىڭنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكى خەۋەر قىلىنماقتا. گاۋ جىشىڭ شاياردىكى تۈرمىگە قامالغان ئىدى. ئالدىنقى يىلى تۈرمىدىكى يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىننىڭ گاۋ جىشىڭ بىلەن بىر تۈرمىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان. ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىنىشىچە، گاۋ جىشىڭنىڭ ئاكىسى چارشەنبە كۈنى ئۇنى تۈرمىدىن ئېلىپ، ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن. ئەمما ئۇ ئۆزلىرىنىڭ مەتبۇئاتلارغا گەپ قىلالمايدىغانلىقىنى، ئىنىسى قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇندىن كېيىنكى ئىشلاردا قانداق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەشنىڭ قېيىنلىقىنى ئېيتقان.

گاۋ جىشىڭنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئايالى گېڭ خى مەتبۇئاتلارغا قىلغان سۆزىدە، يولدىشىنىڭ تېلېفوندىكى ئاۋازىنىڭ ئىنتايىن ئاجىزلىقىنى، ئۇنىڭ 4-5 تال چىشىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، چىشىنىڭ ئاغرىيدىغانلىقىنى، ھازىر تاماق يىيىشتىمۇ قېينىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان ۋە «ئادەتتە ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ مۇستەھكەم ئورگاننى چىش دەيدىكەن. ئەگەر ئۇنىڭ چىشى بۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇلغان بولسا، ئىچكى ئەزالىرى قانداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندۇ» دېگەن. گاۋ جىشىڭ گەرچە تۈرمىدىن قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيدىغان-ئېرىشەلمەيدىغانلىقى ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت