خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت گېن تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان ژورنالنىڭ تەھرىرات ھەيئىتى ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.08.05

يېقىندا ئامېرىكادىكى بىر ئىلمىي ژۇرنالنىڭ تەھرىرات ھەيئىتىنىڭ سەككىز نەپەر ئەزاسى ژورنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالە سەۋەبىدىن كەلگەن تەنقىدلەر نەتىجسىدە خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن. كۆزەتكۈچىلەر بۇ ماقالىلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى يىغىش ۋە ئۇلارغا بۇ ئارقىلىق زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرىغا چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلىمەكتىكەن.

«The Intercept» ناملىق ژورنالنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «مولېكۇلا ئىرسىيەت ۋە گېن مېدىتسىنا» ژۇرنىلى ئەخلاق جەھەتتىكى تەتقىقات تالاش-تارتىشلىرىغا يولۇققان ۋە بۇ سەۋەبلىك تەھرىرات ھەيئىتى ئىستىپا بەرگەن تۇنجى ژورنال ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا بېلگىيە لېۋېن ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇر مۇتەخەسسىسى يىۋېس موراۋ مەزكۇر ژورنالدا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ ئېرسىيەت پەرقى ۋە ئىجازەت ئېلىنماي تۇرۇپ ئېلان قىلىنغان بولۇش ئېھتىمالى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان گېن ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ئەخلاققا توغرا كەلمەيدىغان 18 پارچە ماقالىنى بايقىغان. بولۇپمۇ خىتايدا بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر لاگېرغا تۇتۇلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە يىغقانلىقى كەڭ ئاشكارىلانغان بىر مەزگىلدە بۇ ماقالىلەر ئۇنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان.

دەرۋەقە بىر ماقالىدا ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى يۇرت-يۇرت بويىچە ئايرىپ چىقىلغان بولۇپ، ئۇ قەشقەر ئۇيغۇرلىرى، ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى دېگەندەك تۈرلەرگە ئايرىلغانىكەن.

ئەھۋالنى بايقىغاندىن كېيىن موراۋ ئەپەندى مەخسۇس بىلىم ئەخلاقى مەسىلىسىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر پائالىيەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇنجى قېتىم 3-ئايدا ژورنالنى ئاگاھلاندۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ژورنال 2019-يىلىدىن تارتىپ خىتاي تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ ساھەدىكى ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ ماقالىلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئاپتورلىرى ھەتتا خىتاي ساقچى ئورگانلىرىغا قاراشلىق ئورگانلىرى ئىكەن.

بىئولوگىيەلىك ئۇچۇر مۇتەخەسسىسى ۋە پائالىيەتچى يىۋېس موراۋ بۇ يىل 6-ئايدا يەنە ژورنال تەھرىراتىدىن يەنە بىر قېتىم ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرگەن ۋە نەتىجىدە يېقىندا جىمجىتلا ئىستىپا خەۋەرلىرى كېلىشكە باشلىغان.

مەزكۇر ۋەقە بۈگۈن ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى ۋە ئۇ ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان دىستوپىيىلىك «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» نى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلىپ بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.