گېرمانىيە تەرەپ خىتاينىڭ «خۇادا گېن گۇرۇھى» نىڭ گېن سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلىغانلىقىغا جىددىي ئىنكاس بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.07.12

گېرمانىيە خىتايدىكى «خۇادا گېن گۇرۇھى» (BGI) نىڭ گېن سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاپ، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنى تەمىنلىگەنلىكىگە جىددىي قارايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى بۇ مەسىلىنى ئالاقىدار مىنىستىرلىقلار ۋە ياۋروپا كومىسسىيەسى بىلەن مۇزاكىرە قىلماقتا ئىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى ئۆتكەن ھەپتە خۇادا شىركىتى ئىشلەپچىقىرىپ دۇنياغا ساتقان ھامىلدار ئاياللارنى تۇغۇتتىن بۇرۇن تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى ھەربىيلەر بىلەن بىرلىشىپ ئىشلەپچىقارغانلىقى، بۇ شىركەتنىڭ مىليونلىغان ئاياللارنى تەكشۈرۈشتىن ئېرىشكەن DNA ئەۋرىشكىسىنى ھەربىيلەرگە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خۇادا شىركىتى بۇ مەھسۇلاتنى ئ‍امېرىكادىن باشقا ياۋروپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى 52 دۆلەتكە ساتقان بولۇپ، 8 مىليون 400 مىڭ ئايالنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى توپلىغان ئىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2020-يىلى 7-ئايدا بۇ شىركەتنىڭ «شىنجاڭ يىپەك يولى-BGI» ۋە «بېيجىڭ ليۇخې-BGI» ناملىق ئ‍ىككى تارماق شىركىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئ‍ىلگىرلەپ باستۇرۇشتا ئىشلىتىشى ئ‍ۈچۈن DNA ئانالىزى ئېلىپ بارغانلىقى سەۋەبلىك جازالىغان ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئ‍ۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «خۇادا گېن گۇرۇھى» 2010-يىلدىن بېرى ھەربىيلەر بىلەن ئاز دىگەندە 12 قېتىم بىرلىشىپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىر تەتقىقات تۈرى ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئاياللىرىغا چېتىشلىق ئىكەن. خەۋەردە بۇ تەتقىقات تۈرىنىڭ يۇقىرى ئىتىدارلىق ھەربىي كومپيۇتېر بىلەن خىتاي ئاياللىرىدىكى ۋىرۇس ۋە روھىي كېسەللىكلەرنى ئېنىقلىغانلىقى، شۇنداقلا بۇ تەتقىقاتنىڭ تىبەت ھەم ئۇيغۇر ئاياللىرىغا مەركەزلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىرسىيەت ھەم جىسمانىي ئالاھىدىكىلىرىدىكى باغلىنىشنى تەكشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.