گېرمانىيە پارلامېنتى ۋەكىلى: «گېرمانىيە، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ تەھدىتىگە قارشى جەسۇرلۇق بىلەن تىك تۇرىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.10.03

گېرمانىيە پارلامېنت ئەزاسى، پارلامېنت تەيۋەن زىيارەت قىلىش ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، كلائۇس پېتېر ۋېلش، 3-ئۆكتەبىر تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن كۆرۈشۈپ، گېرمانىيەنىڭ خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەن تەھدىتىگە قارشى جەسۇرلۇق بىلەن تىك تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيە پارلامېنتى تەيۋەن دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى كلائۇس پېتېر ۋېلش باشچىلىقىدىكى 6 كىشىلىك پارتىيە ھالقىغان بىر ۋەكىللەر زىيارەت ئۆمىكى تەيۋەنگە يېتىپ كېلىپ، 3-ئۆكتەبىر كۈنى پرېزىدېنت سەي يىڭۋېن بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

كلائۇس پېتېر ۋېلشنىڭ باشچىلىقىدىكى گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ زىيارىتى خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار زىيارەتنى بىكار قىلىشنى رەت قىلىپ، 2-ئۆكتەبىر كۈنى تەيۋەنگە يېتىپ كەلگەن. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كلائۇس پېتېر ۋېلش سەي يىڭۋېن بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېگەن: «ئەگەر تەيۋەن بۇ خىل ھەربىي تەھدىتكە دۇچ كەلسە، بىز تەيۋەنگە جەسۇرلۇق بىلەن ياردەم قىلىمىز ھەم قوللايمىز.»

بۇ زىيارەت ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلۇسىنىڭ بۇ يازدا تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان غەرب پارلامېنت ۋەكىللىرىنىڭ مۇھىم زىيارەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ زىيارەت خىتاي رۇسىيەنى دوراپ تەيۋەنگە قوراللىق ھۇجۇم قىلامدۇ، دېگەن ئەندىشە پەيدا بولغان، بىراق ئامېرىكا خىتاينى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ، ئ‍ەگەر ئۇ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قوراللىق ئارىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، كلائۇس پېتېر ۋېلش يەنە گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ تەيۋەنگە بولغان قوللىشىنىڭ ھەر خىل ھۆججەت ۋە سۆھبەتلەردە ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن ئۇرۇشىۋاتقانلىقى، گېرمانىيە پارلامېنتى تەيبېي بىلەن بېرلىن ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشقا، بولۇپمۇ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئالغا سۈرۈشكە قىممەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. سەي يىڭۋېن بولسا تەيۋەن بېيجىڭنىڭ ھەربىي مانېۋىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىددىي تەھدىتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.