گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى «نېگىزلىق پەرقلەر» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.01.21

گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ئاننالېنا باربوك 20-يانۋار كۈنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى «نېگىزلىق پەرقلەر» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان. تاراتقۇلار باربوكنىڭ سۆزىنى بېرلىننىڭ خىتايغا قارىتا سابىق باش مىنىستېر مېركېل دەۋرىگە قارىغاندا تېخىمۇ تەنقىدىي پوزىتسىيە تۇتۇشى مۇمكىنلىكىنىڭ سىگنالى، دەپ قارىغان.

«ياخۇ-مالىيە» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باربوكنىڭ ئ‍ىشخانىسى 20-يانۋار ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي بىلەن بولغان يېقىن ھەمكارلىقتا كېلىمات ئۆزگىرىشى، مۇھىت سىياسىتى، خەلقئارا قانۇن ۋە قائىدە-تۈزۈم ئاساسىدىكى خەلقئارا تەرتىپكە ھۆرمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىنىپ: «شۇ سەۋەبتىن سۆھبەتتە كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئ‍ىچىگە ئالغان پىكىر جەھەتتىكى مەۋجۇت نېگىزلىك پەرقلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى،» دېيىلگەن. بىراق بايانناتتا بۇ «نېگىزلىك پەرقلەر» نىڭ كونكېرت نېمە ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان-ئالمايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

گېرمانىيە-خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتى، فرانسىيە پارلامېنتى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن قارار ماقۇللاپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن، شۇنداقلا بېيجىڭ گېرمانىيەنىڭ ئانگېلا مېركېل دەۋرىدىكى خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن. گېرمانىيە ئىلگىرى خىتاي بىلەن يېقىنلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىغا ئاۋاز چىقارماسلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن. «ياخۇ-مالىيەسى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، سۆھبەتتە ۋاڭ يى گېرمانىيەنى «ياڭراتقۇ دىپلوماتىيەسى» دىن يىراق تۇرۇشقا ئۈندىگەن، شۇنداقلا گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقى، خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارلاشماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.