گېرمانىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى خىتاينىڭ نارازىلىقىغا قارىماي تەيۋەن بوغۇزىغا كىرگەن
2024.09.13
گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ئۇرۇش پاراخوتى 13-سېنتەبىر خىتاينىڭ نارازىلىقىغا قارىماي، خىتاي تەرەپ «ئىگىلىك ھوقۇقىمىزدىكى رايون» دەپ قاراۋاتقان تەيۋەن بوغۇزىغا كىرگەن. ھالبۇكى، گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بورىس پىستورىيۇسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئۆتمەكتە ئىكەن.
بورىس پىستورىيۇس 13-سېنتەبىر لېتۋانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لاۋرىناس كاسيۇناس بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، «خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكى دېگەنلىك، خەلقئاراغا ئورتاق دېڭىز تەۋەلىكىدۇر. بۇ ئەڭ قىسقا يول، ھاۋا رايى شارائىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىز ئەڭ بىخەتەر بولغان بۇ يولدىن ئۆتىمىز» دېگەن. گېرمانىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىغا كىرىشتىن بۇرۇن خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېرمانىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشتىكى بىر باھانە، دەپ ئەيىبلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى لەي چىڭدېنىڭ بۇ يىل 5-ئايدا پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن بۇيان تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي تەھدىتىنى قاتمۇقات كۈچەيتكەن بىر پەيتتە گېرمانىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشى، دىققەت قوزغىماقتا. گېرمانىيە ئۆزىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكۈزگەن ئامېرىكانىڭ تۇنجى ئىتتىپاقداش دۆلىتى ئەمەس. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكانىڭ كانادا، ئەنگىلىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىمۇ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى پات-پات تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. خىتاي بۇنىڭدىن غەزەپلەنسىمۇ، ئەمما بۇ رەسمىي خەلقئارالىق دېڭىز سودا يولى بولغاچقا، ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن تاشقىي ئىشلا مىنىستىرلىقى بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «گېرمانىيەنىڭ ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قاتارىدا ھەرىكەت قوللىنىپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ خەلقئارالىق دېڭىز بولۇشتەك قانۇنىي ئورنىنى نامايان قىلغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى جەنۇبىي كورېيەدىن فىلىپپىنغا بېرىش ئۈچۈن تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتمەكتە ئىكەن.