گېرمانىيە پرېزىدېنتى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا ماركىسىزمنىڭ بۇزغۇنچىلىقىنى ئەسلەتتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-12-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

گېرمانىيە پرېزىدېنتى فرانك ۋالتېر شتېيىنمايېر 7‏-دېكابىر كۈنى خىتاي سىچۈئەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا نۇتۇق سۆزلەپ، كارىل ماركسنىڭ بۈيۈك گېرمان پەيلاسوفى ئىكەنلىكىدە شەك يوقلىقى، بىراق ئۇنىڭ نامىدا زور زىيانكەشلىكلەر سادىر بولغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. پرېزىدېنت شتېينمايېرنىڭ 6 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتى ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى باشلانغان. ئۇ زىيارىتىنى باشلاشتىن سەل بۇرۇن گېرمانىيە گوتتىڭگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى ئۇنىڭدىن بۇ زىيارىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇشقا ئۇچرىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان-قويمايدىغانلىقىنى سورىغان. ئۇ ؛ «ئەلۋەتتە پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى سۆزلىشىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ سىچۈئەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇتۇقىدا لاگېرلارنى ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنى تىلغا ئالمىغان. ئەمما گېرمانىيەنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر، ئۇلارنىڭ دىنىي ياكى ئۆز ئىدىيەسى، ئېتىقادىنى ئەركىن ئىپادىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ناھايىتى سەزگۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ماركسنىڭ بۈيۈك بىر ئىدېئولوگ، پەيلاسوف، ئىقتىسادشۇناس، جەمىيەتشۇناس ئىكەنلىكىدە شەك يوقلىقىنى، بىراق ئۇنىڭ ئىدىيەسى نەزەرىيە بىلەن چەكلىنىپ قالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «بىز گېرمانلار ماركس ھەققىدە سۆزلەشكەندە شەرقىي گېرمانىيە ۋە ياۋروپادا ئۇنىڭ نامىدا سادىر بولغان زور زىيانكەشلىكلەرنى تىلغا ئالماي ئۆتەلمەيمىز» دېگەن. ئۇ يەنە دىكتاتورلۇق ۋە باستۇرۇشنىڭ نۇرغۇن يىللار گېرمانىيە تارىخىغا تامغىسىنى باسقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «مانا بۇ بىزنىڭ ئۆكتىچى پىكىردىكىلەرگە، دىنىي ئىبادەت قىلىشقا، ئىدىيەسى ۋە ئېتىقادى بىلەن تىنچ ياشاش ئىستەكلىرىگە ئالاھىدە سەزگۈر قارىشىمىزغا ھەم كۆڭۈل بۆلۈشىمىزگە تۈرتكە بولدى» دەپ كۆرسەتكەن.

شتېيىنمايېرنىڭ زىيارىتى خىتاي 800 مىڭدىن 2‏-3 مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، غەرب دۇنياسىنى تاڭ قالدۇرغان شۇنداقلا گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى لخاسادا ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلدى. ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارى باربېل كۆفلېر بۇ قېتىمقى دىئالوگدا ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق خىتاي كۆفلېرنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت