گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسى: «گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-02-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

گېرمانىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى مارگارېتتا باۋزې خانىم گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، خىتايغا ئېنىق بىر سىگنال بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ مارگارېتتا باۋزې خانىمنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى ئەمەس. ئۇ ئۆتكەن يىلى نويابىردا گېرمانىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى لاگېرلارنى تاقاشقا ۋە لاگېرلاردىكى بىر مىليوندەك تۇتقۇننى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان ئىدى.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مارگارېتتا باۋزې «مەن گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىقتىسادى مەنپەئەتتىن ئەۋزەل ئورۇنغا قويۇپ، خىتاي بىلەن تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تەقىب قىلىنىش ۋە باستۇرۇلۇش مەسىلىسىنى سۆزلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.

مارگېرېتتا يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى دۇنيانىڭ ئەندىشىسىنى قوزغاپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك ئەللەر ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنى قوغداشقا چاقىرىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە قىلغان.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، مارگارېتتا باۋزې خانىم يەنە گېرمانىيەنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، ب د ت نىڭ مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ «گېرمانىيە ب د ت دا ئۇيغۇر رايونىغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىش مەسىلىسىنى قوللىشى كېرەك» دېگەن.

بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ ئۇيغۇر رايونىغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، لاگېردا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان نۇرغۇن تۇتقۇنلارنى ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكىمەكتە ئىكەن. يېقىندا رادىئومىز ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ خېيلوڭجاڭ، ئىچكى موڭغۇل، گەنسۇ، سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى دەلىللىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت