گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خىتاينىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-11-02
Share

گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋەر بېرىپ، خىتاينىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر ئاگېنتلىقنىڭ 28-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان خەۋىرىدە تەكتىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇنقى لاگېرلارنى بىكارلاپ، ئۇنىڭدىكى تۇتقۇنلارنى يېڭى قۇرۇلغان لاگېرلارغا يۆتكىگەن. يېڭى لاگېرلارغا يۆتكەلگەن تۇتقۇنلار ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانىكەن. خەۋەردە، سۈنئىي ھەمراھ سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بەرگەن شاھىتلىقى لاگېرلارنىڭ ئورنىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ئىگىللەۋاتقانلىق ئەندىشىسىنى پەيدا قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، «شىنجاڭ شاھىتلار ئارخىپى» نىڭ ئۆتكەن 12 ئايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ئېرىشكەن 220 دەك تۇتقۇنغا دائىر ئۇچۇرىدا ئۇلارنىڭ پەقەت 9 نەپىرىنىڭ لاگېردا بولۇپ، قالغان 210 نەپىرى قاماق جازاسىغا ئالاقىدار ئىكەن. خەۋەردە، ئامېرىكادىكى روز-خۇلمان تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، ئۇيغۇرشۇناس تىمۇتى گروسنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىدا لاگېرلارنى ئىنكار قىلىش، ئارقىدىن ئۇنى «ياتاقلىق مەكتەپ» دەپ جاكارلاش، ئاخىرىدا «كۇرسانتلار» نىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق «شىنجاڭدىكى باستۇرۇشنىڭ كېيىنكى باسقۇچى ئۇچۇن ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرگەن».

تىموتى گروس، بۇ مەزگىلدە ساختا سوت مەھكىمىلىرىدە ئەيىبلىنىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ شىددەتلىك كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە 87 مىڭ ئادەم 5 يىل ۋە ئۇنىڭدىن ئۇزۇن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىكەن. خەۋەردە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇسى خىتاي نوپۇسىنىڭ 2 % گە بارمىسىمۇ، لېكىن شۇ يىلى خىتايدا قولغا ئېلىنغان 5 ئادەمدىن بىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت