گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مائاس، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-11-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خەيكو مائاس، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنى تەلەپ قىلىپ، خىتاينىڭ قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئىككى كۈنلۈك خىتاي زىيارىتى دۈشەنبە كۈنى باشلانغان. ئۇنىڭ زىيارىتى باشلىنىشتىن سەل بۇرۇن گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى پارلامېنتىنىڭ ئومۇمى مەجلىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغان.

شۇنداقلا گېرمانىيە يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قەرەللىك يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «قايتا‏-تەربىيەلەش» لاگېرلىرىنى تەنقىدلەپ، لاگېرلارنى تاقاشنى ۋە لاگېردىكىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەيكو مائاس دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى خې بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ كۆرۈشۈشتىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى لاگېرلارنى تەكشۈرۈشى كېرەك، دەپ قارامسىز؟»، دېگەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، «بىز قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى قوبۇل قىلمايمىز» دېگەن.

مائاسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېھتىياجلىقكەن. ئۇ «قىسقىسى، ئۇ يەردە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا بىر مۇھىت يارىتىلىشى كېرەك» لىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنى «دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئەيىبلەشكە، شى جىپىڭنى مەدھىيەلەشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك دەلىللەر بار» ئىكەن.

خەيكو مائاس خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن سەل بۇرۇن خىتاينىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىد قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

خىتاي ئەلچىخانىسى گېرمانىيە تەرەپنىڭ پوزىتسىيەسىنى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئاشكارا ئارىلاشقانلىق، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قوپاللىق بىلەن قول تىققانلىق» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت