ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن: «ھۆكۈمەتلەرنى بارلىق مەجبۇرىي غايىب قىلىنغانلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە چاقىرىمىز»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.08.30

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن 30-ئاۋغۇست «مەجبۇرى غايىپ بولغانلار خەلقئ‍ارا كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتلەرنى بارلىق مەجبۇرى غايىب قىلىنغان كىشىلەرنى قايتۇرۇپ كېلىشكە، ئۇلار ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشكە ۋە بۇ خىل دېلولار ئۈستىدىن مۇستەقىل ھەم تەرەپسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان.

باياناتتا بلىنكېن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ «ئامېرىكانىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشتەك بۇ ئېغىر جىنايەتنىڭ قۇربانلىرىغا، تۇغقانلىرىنىڭ يوقلىقىدىن ئازاپ ئ‍ىچىدە ياشاۋاتقانلارغا، ئۇلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا ئۇچۇر ئالالماي ئىزتىراپ چېكىۋاتقانلارنىڭ تەرىپىنى تۇتۇدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

چەت ئەل مۇتەخەسىسسلىرىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئاز دېگەندە بىر مىليون 800 مىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتاينىڭ تۈرمە، لاگېرلىرىدا غايىپ بولغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى ھازىرغا قەدەر ئىزچىل غايىب بولغان بۇ ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە ياكى خەلقئارانىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىرىپ كەلگەن ئىدى.

بلىنكېن باياناتىدا: «ئامېرىكا بارلىق مەجبۇرىي غايىپ قىلىۋېتىشلەرنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، ھۆكۈمەتلەرنى مەجبۇرىي غايىبلارنىڭ قايتىپ كېلىشىگە قولايلىق يارىتىشقا، بارلىق غايىبلار توغرىسىدا ئۇچۇر بېرشكە، شۇنداقلا بۇ خىل دېلولار ئۈستىدىن مۇستەقىل ۋە ئاشكارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىدۇ،» دېگەن.

بلىنكېننىڭ ئېيتىشىچە، «ھۆكۈمەتلەر چوقۇم مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشكە خاتىمە بېرىشى، جاۋابكارلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشى، غايىبلارنىڭ تەقدىرى ۋە قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىشى كېرەك،» ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.