گېرمانىيەدە غايىب بولغان، قولغا ئېلىنغان ۋە سوتسىز ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014.04.11

14‏-ئاپرېلدىن 16‏-ئاپرېلغا قەدەر گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە خەلقئارا يىغىن ئېچىلىدۇ.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش جەمئىيىتى، د ئۇ ق قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىندا، نۇقتىلىق ئۇيغۇر غايىبلار مەسىلىسى، خالىغانچە قولغا ئېلىش، سوتسىز ئۆلتۈرۈش، ئادەم ئىچكى ئەزالار ئەتكەسچىلىك قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

د ئۇ ق يىغىننىڭ 13‏-ئاپرېل ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكى بىلەن باشلىنىپ، 14‏-ئاپرېل رەسمىي كۈنتەرتىپكە ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىننىڭ 1‏-كۈنى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى مارىنو بۇستاچىن قاتارلىق كىشىلەر نۇتۇق سۆزلەيدۇ. شۇ كۈنى يەنە، پائالىيەتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر ئىلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، نۆۋەتتىكى سىياسىي داۋالغۇش، «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

يىغىننىڭ قالغان كۈنلىرىدىكى كۈنتەرتىپىدە غايىبلار مەسىلىسى، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان قانۇنسىز قولغا ئېلىش، سوتسىز ئۆلتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى، شۇنداقلا يەنە قانداق يول ۋە خەلقئارا ئىستراتېگىيەلەرنى قوللىنىپ، خىتاينىڭ ئىنسانلىققا قارشى بۇ خىل جىنايىتىگە خاتىمە بېرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

د ئۇ ق، بۇ يىغىن خەلقئارانىڭ دىققىتىنى يۇقىرىقى جىددىي مەسىلىگە جەلپ قىلىش ئۈچۈن دىئالوگ سورۇنى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.