«خەلقئارالىق مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار كۈنى» دە ئۇيغۇر غايىبلارنىڭ ئاقىۋىتى سۈرۈشتە قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.08.29

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «30-ئاۋغۇست خەلقئارالىق مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش ھەرىكەتلىرىگە دىققەت تارتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 29-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشنى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى، ئۆكتىچى پىكىرلەر ھەم شۇنداقلا باشقا بارلىق پۇقرالارنى جىمىقتۇرۇشنىڭ بىر ۋاسىتىسى قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ مەسىلىدە 2018-يىلى 11-ئايدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن غايىب قىلىۋېتىلگەن داڭلىق ئۇيغۇر كومېدىيە چولپىنى ئادىل مىجىتنىڭ مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ «ئۇنىڭ غايىب قىلىنىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھېچقانداق بىر كىشىنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يازغۇچى، تەتقىقاتچى ۋە ئارتىس قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يېتەكچىلىرىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن.

مەزكۇر باياناتقا يەنە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمىتى، تىبەت تورى ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى قوغداش گۇرۇپپىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ ئاۋاز قوشقان. ئۇلار بىردەك خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش ھەرىكىتىنى توختىتىشنى ۋە ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى دەرھال ئەركىنلىككە چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 2016-يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، «قايتا تەربىيە» لاگېرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئاز دېگەندە 2 مىليون كىشىنى لاگېرغا قامىغاندىن بۇيان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئائىلە ئەزالىرىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىدىنمۇ خەۋەرسىز ياشاۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.