«چىكاگو مۇنبىرى»:«مىڭلىغان ئۇيغۇرلار غايىب بولۇپ كەتمەكتە!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.12.18

ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدا ئەڭ گەۋدىلىك بولۇۋاتقان بىر ھادىسە مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ «ئاجايىپ-غارايىپ» ئەيىبلەشلەر بىلەن قولغا ئېلىنىشى ھەمدە تېزلا غايىب بولۇپ كېتىشى ئىكەنلىكى دىققەت قوزغىماقتا. ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان «چىكاگو مۇنبىرى» نىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە مۇشۇ مەسىلە نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

18- دېكابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا قولغا ئېلىنغانلارنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەنلەر بولسۇن ياكى رايوننىڭ ئۆزىدىن قولغا ئېلىنغانلار بولسۇن بىردەك سوتلانماستىنلا مەخپىي يوسۇندىكى «ئۆگىنىش مەركەزلىرى» گە يىغىۋېلىنىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ جىنايىتىنى «ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدە بولۇش» تىن تارتىپ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا قەدەر ھەممىلا سەۋەبكە چېتىشقا بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ.

ماقالىدە بۇ ھالنىڭ چېن چۈەنگو 2016-يىلى ئۇيغۇرلار دىيارىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويغان «تېررورچىلارنى خەلق ئۇرۇشى ئوكيانىغا غەرق قىلىۋېتىش» شوئارىدىن كېيىن ئەۋج ئالغانلىقى تەكىتلىنىدۇ.
ماقالىدا نۆۋەتتىكى «سىياسىي ئۆگىنىش مەركەزلىرى»نىڭ ۋەكىللىك ئۈلگىسى سۈپىتىدە كورلا شەھىرىدىكى «ھەقسىز، تاشقى دۇنيا بىلەن پۈتۈنلەي ئالاقىسى ئۈزۈلگەن، ھەربىي تۈرۈم خاراكتېرگە ئىگە» بولغان تەربىيەلەش كۇرسلىرى مىسال ئېلىنىدۇ. ئەمما بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرلىرى كورلادىكى بىرنەچچە «ئۆگىنىش مەركەزلىرى»نى زىيارەت قىلغاندا ئۇلارنىڭ پۈتۈنلەي تۈرمە شەكلىنى ئالغان مۇئەسسەسە ئىكەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. مۇخبىرلارنىڭ پەرىزىچە، سوتقا چىقماستىنلا غايىب بولۇپ كېتىۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇرلار دەل مۇشۇنداق جايلاردا سولاقتا ئىكەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، چېن چۈەنگونىڭ ئىشخانىسى ھەمدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمىگەن بولسىمۇ، خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمىدىن باۋ چاڭخۇي: «بىز مۇشۇنداق تەدبىرلەرنى ئالمىساق نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بولغاندەك نەچچە يۈز ئادەم ئۆلىدىغان ئىش قايتا يۈز بېرىدۇ» دېگەن. كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇش بولسا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالغا: «ھازىر ئۆچمەنلىك ۋە قىساس ئىستىكى ئوت بولۇپ يېنىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلارغا بارار جايمۇ قالمىغان ئەھۋالدا ‹تېررورلۇق› نىڭ يامرىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.